تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ر.م.ئەنھار: نورۇز كېلىدۇ

نورۇز كېلىدۇ

 

رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار

 

مەسۈمە قىزچاقنىڭ زىناقلىرىدا،

ئاپتاپتا قىزارغان بوۋاي مەڭزىدە،

ئاپامنىڭ چۆچۈرە تۈگكەن قولىدا،

باھاردا ئېرىگەن ئەگىز سۈيىدە،

شارقىراپ ئويناقلاپ كۈلۈپ كېلىدۇ.

مومام ئۆز قولىدا ئەتكەن چېيىنىڭ،

تاتلىق ھەم مەززىلىك خۇشبۇي ھىدىدا،

دادامنىڭ مەڭزىنى بويلىغان تەردە،

مۇھەببەت قەسرىدىن بالقىپ قۇياشتەك،

دىللارغا مىڭ ئاتەش سېلىپ كېلىدۇ.

بوۋامنىڭ ھاسسىلار تۇتقان قولىنى،

تىترەتكەن بەك سوغۇق زىمىستان قىشنى،

شامالدەك يەلپۈنۈپ، ھەيدەپ يىراققا،

مەجنۇنتال شېخىغا قونۇپ كېلىدۇ.

نەۋقىران يىگىتنىڭ يايرىغا يازغان،

ئەقىدە، ۋاپالىق مەكتۈپلىرىدە،

كەشتىچى قىزچاقنىڭ يىڭنىلىرىدە،

ئانارنىڭ گۈلىدەك قىزىل كېلىدۇ.

جەننەتتەك باغچا ھەم خىيابانلاردا،

خۇشناۋا بۇلبۇلدەك سايراپ كېلىدۇ،

قىزىمنىڭ ئۇچۇرغان لەگلەكلىرىدە،

شامالدىن بەسلىشىپ ئۇچۇپ كېلىدۇ،

سۈبھىدە چۈشكەن شۇ ئۈنچە شەبنەمدە،

سەرۋى، ئۇز، ھايالىق قىزنىڭ يۈزىدە،

كۆكتىكى زىياسىز ھېلال ئاي بىلەن،

تۈنلەردە روجەكتىن بېقىپ كېلىدۇ.

بېشىغا گۈللەردىن ئۇماق تاج كىيىپ،

قەدەھتە شارابلار سۇنۇپ كېلىدۇ،

كۆكسىگە چېچەكتىن مېداللار تاقاپ،

سۈلكەتلىك جەڭچىدەك مەغرۇر كېلىدۇ،

دەرەخنى، ئوت-چۆپنى ياپيېشىل رەڭدە،

بىر ئۇستا رەسسامدەك سىزىپ كېلىدۇ.

سەھەردە ھاپىزنىڭ قوشاقلىرىغا،

تەڭ جۆر بوپ قوشاقلار ئېيتىپ كېلىدۇ،

سازچىنىڭ قولىدىكى تەمبۇر كۈيىدەك،

يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىپ كېلىدۇ.

بۇ قېتىم بېغىمدا ئەنجۈر چېچەكلەپ،

ئاجايىپ ئۆزگىچە نورۇز كېلىدۇ!

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز