تېخنىكا بىلوگى Mic Gadget نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ سېتىلىش باھاسى ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن جىق پەرقلەنمەيدىكەن، يەنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سېتىلىش باھاسى يەنىلا 5288 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، iPhone 6s بەلكىم 32GB، 64GB ۋە ئەڭ يېڭى 128GB قاتارلىق ئوخشىمىغان سىغىمدا چىقىدىغان بولۇپ، 16GB لىق نەشرى پەقەت iPhone 6c غىلا تەمىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. رەڭ جەھەتتە، ئالتۇن رەڭ، كۈمۈش رەڭ ۋە قېنىق كۈل رەڭدىن باشقا، دېيىلىشىچە، iPhone 6s ۋە 6S Plus غا ئاياللارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن يەنە ھال رەڭ قوشۇلىدىكەن.
iPhone 6s نىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان پارچە سېتىش باھاسى 32GB لىقنىڭ 5288 يۈەن، 64GB لىقنىڭ 6088 يۈەن، 128GB لىقنىڭ 6888 يۈەن ئىكەن؛ iPhone 6s Plus نىڭ 32GB لىق نەشرىنىڭ باھاسى 6088 يۈەن، 64GB لىق نەشرىنىڭ باھاسى 6888 يۈەن، 128GB لىق نەشرىنىڭ باھاسى 7788 يۈەن ئىكەن.
مەنبەسى:لېيفېڭ تورى