تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئائىلىدىكى بېسىم بالىلارنىڭ ئاسان سەمرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ

 شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلىدە بېسىم ئېغىر بولسا، بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئائىلىدىكى بېسىم بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلار 7443 ئائىلىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، بۇ ئائىلىلەردە تۇغۇلغان بالىلارنى تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ بەش – ئالتە ياشقا كىرگىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

تەتقىقاتچىلار بۇ ئائىلىلەردە ئائىلە بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك ئامىللارنى، مەسىلەن: ئائىلىدىكى بىرەرسىنىڭ ھادىسە ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشى، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، ئىشسىز قېلىشى، زوراۋانلىققا ئۇچرىشى، ئاتا – ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يېرىكلىشىشى ھەم بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغان.

 نەتىجىدە، ئازادە كەيپىياتلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، بېسىم بىر قەدەر چوڭ ئائىلىدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىككى ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى بولغان.

بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان بالىلار كېسىلى ئىلمى دوكتورى فېلكىس سېباستىيان كوكنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قانداق ئائىلە ئوخشاش بولمىغان بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، بېسىم بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش بولۇپ، تۇرمۇشىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلە بېسىمى بالىنىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر ئامىل بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقا ئامىللار بىلەن بىرلىكتە بالىنىڭ سەمرىپ كېتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/09/content_507738.htm 




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز