كايلنىڭ ھېكايىسى
خوسى. رودگرىز [ئارگېنتىنا]
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى بىر ئىش ھېلىھەم ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
جۈمە كۈنى مەكتەپتىن قايتاشىمدا سىنىپىمىزغا يېقىندا يۆتكىلىپ كەلگەن كايلنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ بىر پاتمان كىتابنى كۆتۈرۋالغانىدى. ئىچىمدە « نېمە دەپ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاندۇ؟ تازا بىر كىتابپەرەس ئوخشىمامدۇ نېمە. مەن بولسام شەنبە، يەكشەنبە كۈنى قانغۇچە ئوينايمەن، ئاداشلىرىم بىلەن پۇتبول تېپىمەن» دېگەنلەرنى ئويلاۋاتاتتىم. ئۇ كېتىۋېتىپ يىقىلدى.
كايلنىڭ كۆزەينىكى نېرىغا ئۇچۇپ چۈشتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا ئازابلانغانلىقىنى سېزىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. ئۇ كۆزەينىكىنى ئىزدەۋاتاتتى. مەن كۆزەينىكىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتقاندا، ئۇ ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى چىن كۆڭۈلدىن چىققان مىننەتدارلىق جىلۋىسى ئىدى.
ئەسلىدە ئىككىمىزنىڭ ئۆيى يېقىن ئىكەن، شۇڭا بىللە ئۆيگە ماڭدۇق. كايل ماڭا يامان ئەمەس تۇيۇلدى. ئۇنىڭدىن «ئەتە بىللە توپ تېپەيلىمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ قوشۇلدى.
ئىككىمىز شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئايرىلمىدۇق. كايل ئاداشلىرىمغىمۇ ياراپ قالدى.
دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە ماڭغاندا، بىر قۇچاق كىتابنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كايلنى كۆردۈم.
شۇنىڭدىن كېيىن كايل بىلەن ئىككىمىز ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.
ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، كايل مېنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئالايىتەن تەكلىپ قىلدى. ئۇ مۇراسىمدا گېپىنى « ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى بىزگە ياردەم بەرگەنلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئەڭ يېقىن دوستۇمغا رەھمەت ئېيتماقچى. »دەپ باشلىدى.
ئارقىدىن كايل ئىككىمىز تونۇشقان چاغدىكى ئىشلەرنى ئەسلەشكە باشلىدى. كايلنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم. كۆپ يىللار ئىلگىرىكى ئىككىمىز تونۇشقان ئەشۇ جۈمە كۈنى، كايل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى نىيەت قىلغانىكەن. ئۇ «ئۆلۈپ كەتسەم، ئانام مەكتەپكە بېرىپ، نەرسە-كېرەكلىرىمنى تاپالماي يۈرمىسۇن» دەپ ئويلاپ، مەكتەپتىكى ئىشكاۋىنى يىغىشتۇرۇپ، بارلىق كىتابلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغانىكەن. كايل مۇشۇلارنى دەۋېتىپ، پەستە ئولتۇرغان ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇ ئارقىدىن « ھېلىمۇ ياخشى، تەلىيىم بار ئىكەن، دوستۇم مېنى ئۆلۈم گىرداۋىدىن ياندۇرۇپ كەلدى» دېدى.
شۇ چاغدىلا مەن ئۇنىڭ « قىلغان ئىشىڭىزنىڭ تەسىرىنى ھەرگىز سەل چاغلىماڭ، كىچىككىنە بىر ئىشىڭىز بىراۋنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى مۈمكىن. پەرۋەردىگار بىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، مەلۇم ئۇسۇل ئارقىلىق بىراۋغا تەسىر كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغان.» دېگەن سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم.
بەزىلەر ئۆز خوشاللىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىلىنى يورۇتىدۇ. بۇنداق قىلىش مەڭگۈ ئەرزىيىدۇ. قانات-قۇيرۇقلىرىمىز سۇنۇپ، ئۇچۇشقا مادارىمىز يەتمىگەندە، ئەتراپىمىزدىكى دوستىمىز بىزنى ھىمايىسىگە ئالىدىغان پەرىشتىگە ئايلىنىدۇ.
ھاياتىمىزدا شۇنداق پەيتلەر بولىدۇ: گاھىدا ئەتراپىمىزدىكى پەرىشتە سۈپەت كىشلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىمىز، گاھىدا باشقىلارغا ياردەم بېرىغان پەرىشتىگە ئايلىنىمىز. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مىننەتدار بولۇشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايلى.
ئازاتجان نىزامىدىن ئەنجانى تەرجىمىسى
(مەزكۇر ماقالە «جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار گېزىتى» تور پونكىتىدىن ئېلىندى )