تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللىرىمىز ئاياللىق قىممىتىنى قانداق تاپىدۇ؟

  مەريەم ئابدۇراخمان، گۈلنۇر تۆمۈر، گۈلقىز روزى، گۈلرۇخ يالقۇن (ئۆز مۇخبىرلىرىمىز) 

     بۈگۈن يەنە بىر قېتىملىق خانىم - قىزلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. ھەرقانداق بىر بايرامنىڭ بىر تەبرىكى، داغدۇغىسى، سوۋغىتى بولىدۇ. گېزىتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۆتكەن يىللاردا خانىم - قىزلار بايرىمىنى قىز - ئاياللىرىمىز ئارىسىدىكى نەمۇنىلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولغان تەرەپلىرىنى بارلىق قىز - ئاياللىرىمىزغا ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق؛ ئاياللىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتا ئۇچراۋاتقان قىيىن مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئەرلىرىدىن، جەمئىيەتتىن كۈتكەن يۈرەك سادالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان باھالىرى ئارقىلىق؛ بالىلارنىڭ ئانىلىرىدىن كۈتكىنى، ئانىلىرىغا يۈزتۇرانە دېيەلمىگەن قەلب تىۋىشلىرىنى گېزىتتە ئانىلارغا يەتكۈزۈش، قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلىرى، بەخت تۇيغۇسى، بەختكە بولغان ئىنتىلىشى قاتارلىق ھېسلىرىنى يورۇتۇش ئارقىلىق بۇ بايرامنى مۇبارەكلەپ كەلگەنىدۇق. مانا بۇ يىل جەمئىيەتنىڭ ئانىلارغا، قىزلارغا بولغان تەلىپىنىڭ ئېشىشى، ساپالىق ئانىلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، قىز - ئاياللىرىمىزدىكى ئىسراپچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىمىزغا قويۇلدى، شۇڭا بىز بۇ قېتىم يېڭى بىر شەكىل ئارقىلىق يەنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئانىلارغا ئەڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى بولغان مەسىلىلەردىن ئىسراپچىلىق ۋە ئاياللار، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئائىلىدە پەرزەنت تەربىيەسى، جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ، بۇ ھەقتە قىز - ئاياللىرىمىز بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىپ، بۇ ئارقىلىق قىز - ئاياللىرىمىزغا جەمئىيەتتىكى ئورنى، ۋەزىپىسىنى تونۇتۇپ، قىز - ئاياللارنىڭ ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ قېتىملىق بايرامنى مۇبارەكلەشنى لايىق تاپتۇق.

     ئاياللار ۋە ئىسراپچىلىق

     بۇ تېمىدا ئاياللار بىلەن ئىسراپچىلىقنى چەمبەرچاس باغلىدۇق. نۇرغۇن ئاياللىرىمىز بەلكىم تېمىغا قاراپلا نارازى بولۇشى مۇمكىن. «نېمە ئۈچۈن ئىسراپچىلىق بىز بىلەن بۇنچە باغلىنىشلىق؟» دەپ ئويلىشى ئېنىق. شۇنداق يېقىنقى يىللار مابەينىدە توي - تۆكۈنلەر ئائىلىلەردە ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىراقلا رېستورانلاردا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بىزدە ئىسراپچىلىق باشلاندى. شۇ مەزگىللەردىن باشلاپ توي - تۆكۈنلەرنى ئاددىي - ساددا قىلىش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، رېستوراندىكى ئىسراپچىلىق خۇددى ۋابا كېسىلىدەك شەھەرمۇشەھەر تېز تارقالدى. رېستوراندىكى يىغىلىشلار كۆپ خىللاشتى، تىزىلغان تاتلىق تۇرۇم ئېسىللاشتى، ئىچىملىك مېۋە سۈيىدىن ئىمپورتنى مېۋە شەربەتلىرىگە ئالماشتى. ھەر كۈنى رېستورانلىرىمىزدا تۆكۈلىدىغان نان، تاماق، تاتلىق تۇرۇم، مېۋە - چىۋە كىشىنىڭ ئىچىنى سىيراتتى. ھەربىر مەرىكىدە قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ ياسىنىشى، بىر سورۇندا بىر قانچە قۇر كىيىملەرنى كىيىشلىرى ئىسراپچىلىقنىڭ يېڭى يولى بولدى. شۇنداق ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ، بىزدىكى ئىسراپچىلىق ھەقىقەتەنمۇ خانىم - قىزلىرىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى.

     - تويلاردا تىزىلىدىغان تاتلىقلارنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ - ئاياللار!

     - ئائىلىدىكى چاي ئۈستەللىرىنى قانداق بېزەش، قانداق تائاملارنى بەلگىلەشنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ - ئاياللار!

     - تويلۇقنى قانداق ئاپىرىش، ئالتۇننىڭ گىرامى، بېرىلىدىغان پۇلنىڭ سانى بۇلارنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ - ئاياللار!

     - تويدا قانچە قۇر كىيىم كىيىش، زىبۇ - زىننەتلەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ تاقاش، بۇنى كىم ھەشەمەتلەشتۈرۈۋەتتى؟ - ئاياللار!

     - تويى بولغان قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىشتا قولىغا بىر تال ئۈزۈك سېلىشتىن «تەرەققىي» قىلىپ، بېشىغا ئالتۇن تاج تاقاشقا كەلدى، بۇنى كىم پەيدا قىلدى؟ - ئاياللار!

     خوش، بۇ ماددىي ئىسراپچىلىقنى قويۇپ تۇرايلى، رېستوران تېز تاماقخانىلارنىڭ ئالدىدا تاماققا ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ئاياللارنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارغا سەل ئۆچلۈكى كېلىدۇ. شۇ ئاياللىرىمىز سائەتلەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، سائەتلەپ تاماق يېيىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ؟! ئۇلارنى ئائىلىدە ساقلاۋاتقان ئەرلىرى، بالىلىرىنىڭ قانچىلىك ۋاقتى ئىسراپ بولۇۋاتىدۇ؟ ئاياللار سىرتتىكى شۇ ئىسراپچىلىقلىرى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قانچىلىك ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ؟ بىر ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك قانچىلىك مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟

     ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك ئانىلىرىمىز، ئاياللىرىمىز ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، بۇنى توسۇش، تويلارنى ئاددىي - ساددا ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى. بىز زىيارەت قىلغان جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭى بالدۇر تىكلەنگەن بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىسراپچىلىق ھەققىدە دېگەن سۆزلىرى بەلكىم نۇرغۇن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بولۇپ قالىدۇ، بىزنى يېڭى ئويلىنىشلارغا دەۋەت قىلىدۇ.

     ئەڭ دەسلەپ ئەرلەرنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غەيرەتجان ئوسمان مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

     مۇخبىر: مۇئەللىم، سىزنىڭچە ئاياللاردىكى ئىسراپچىلىق قايسى جەھەتلەردە بەكرەك گەۋدىلىنىۋاتىدۇ؟ ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان شۇ ئاياللىرىمىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟

     غەيرەتجان ئوسمان: ئائىلىنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش جەمئىيەتتىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئاياللارنىڭ تۇتقان ئورنى مۇھىم، چۈنكى جەمئىيەت ئاۋۋال بىر ئائىلىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئائىلە ئەر - ئايال بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي تەشكىللىنىدۇ. ھازىر ئاياللارنىڭ ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى تېخىمۇ روشەن بولماقتا، چۈنكى ئەرلەر سىرتتا كۆپرەك ئىشلەپ ئىقتىسادنى ھەل قىلىشقا، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا مەسئۇل بولۇۋاتىدۇ. ئاياللار بولسا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بەزى ئاياللىرىمىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن جەھەتتىن ياخشى ئەخلاق ۋە مىزاننى يېتىلدۈرگەن، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى چىقىمنى ئوبدان ھېسابلاپ، ئائىلىسىنىڭ ئىدىتلىق، خاتىرجەم، بەختلىك، ئىناق بولۇشىغا، بالىلىرى ۋە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كۆپ قولايلىق ھەم مۇۋاپىق بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بەزى ئاياللار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەي، ئائىلە ئىقتىسادىنى ئارتۇقچە ياكى جىددىي زۆرۈر بولمىغان كىيىم - كېچەك، ئاتالمىش ئالىي دەرىجىلىك ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ھەرخىل قاتار چايلارنى بەزى مەرىكىلەرنى تەكرار ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشقا، بىر تەرەپلىمە ھالدا بىھۇدە ھەشەمەتچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنى ئىناقسىزلىق، كۆڭۈلسىزلىك، خاتىرجەمسىزلىككە باشلاۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ خىل ئىسراپچىلىق بەزى ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشى، ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئاياللارمۇ زامانىۋىلىك ۋە تەرەققىياتقا ماسلىشىشى كېرەك. ئىناقلىق، خاتىرجەملىكنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇشى كېرەك، بىراق يېقىندىن بۇيان ئايرىم ئاياللىرىمىزدا تۈرلۈك ئولتۇرۇش، قاتار چاي، ھەرخىل ئاتالمىش مەرىكىلەرنى ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى كۈنسايىن ئەۋج ئېلىپ، كۈلكە ھەم سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

     ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئاياللىرىمىز ئارىسىدا چەت ئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي شارائىتى تولۇق يار بەرگەن ئەھۋالدا چەت ئەللەرگە چىقىپ كۆرۈپ كېلىش بىر خىل ياخشى يۈزلىنىش. مانا مۇشۇ خىل پائالىيەتلەردە، بەلكىم ئاياللىرىمىز چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىستېمال ئادەتلىرى، مەرىكە - مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى ۋە بەزى قائىدە - يوسۇنلىرىنى كۆرۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى، چەت ئەللىكلەرنىڭ مەرىكە ياكى مېھماندارچىلىقى ئادەتتە ئاددىي - ساددا يەككە ھالەتتە داۋام قىلىدىكەن. مەسىلەن: چايغا تەكلىپ قىلسا چاي بىلەن، قەھۋەگە تەكلىپ قىلسا قەھۋە بىلەن كۈتىدىكەن. بىزگە ئوخشاش رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ تائاملار بىلەن كۈتىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. بۇلار ئەلۋەتتە بىزنى ئويلاندۇرۇشى، بىزگە تەسىر قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ بەزى ئاياللىرىمىز تاماقنىڭ ھەجىمى ۋە تۈرى قانچە كۆپ بولسا بۇ بىر خىل ئابرۇي، ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، مېھماندارچىلىق ئۈستىلىگە تۆپە - تۆپىلەپ، ئۈستى - ئۈستىلەپ تاماق چىقىرىلمىسا، مېھماننى ئوبدان، كۆڭۈلدىكىدەك كۈتەلمەيدىغاندەك چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىپ، تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىشىدۇ. شۇنىسى چۈشىنىشلىككى، غىزانىڭ تۈرى جىق بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى يېيىش كېرەك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ۋاقىت، زېھىن بىھۇدە ئىسراپ بولىدۇ. كۆپ غىزالىنىپ، ھەرىكەت ئاز بولسا سۆزسىزكى، ئاياللىرىمىزنىڭ (باشقىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) سەمرىپ كېتىشى، ھەتتا بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئاياللار تاماقلىنىش ۋاقتىنى قىسقارتسا، تاماقلىرىمىزمۇ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولسا ياكى ئاز ھەم ساز بولسا ۋە ياكى قۇۋۋەتلىكرەك بولسا، ئارتۇقچە ھەشەم قىلىنمىسا، ئابرۇيپەرەسلىك ئاز بولسا، ئورۇنسىز ھەر خىل مەرىكىلەرگە قاتنىشىش، ئولتۇرۇش، تاماق يېيىشكە كۆپ ۋاقىت ئاجراتقاندىن كۆرە، ھەرىكەت قىلىش، سەيلە - ساياھەت قىلىش، گۈزەل تەبىئەتتىن، ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كىتاب ئوقۇش، سەنئەتتىن بەھر ئېلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتسا، بەدىنىنىمۇ، روھىيىتىمۇ، قىياپىتىمۇ گۈزەل ۋە ساغلام ھالەتنى ساقلايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇلارنى تارىخىمىز ۋە زامانىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى، تېببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى ئوبدان ئىسپاتلاپ بەرگەن.

     مەن كەڭ ئاياللارنىڭ ئىلمىي غىزالىنىش بىلەن مۇۋاپىق بولغان ئارام ئېلىشقا، سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىغا يەنىمۇ دىققەت قىلىشى، كۆپ تاماق ئېتىپ، كۆپ غىزالىنىپ، كۆپ ئولتۇرۇپ كېتىپ ھالسىزلىنىپ قالماسلىقى، مودا قوغلىشىمىز، تەڭتۇشلىرىمىزدىن قېلىشمايمىز، رەڭگارەڭ پاسونلۇق، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئالدىدا مېڭىپ، سەركىلىك رول ئوينايمىز، دەپ چارچاپ كەتمەسلىكى، ئورۇنسىز، ئاتالمىش ئالىي دەرىجىلىك ئۆي بېزەيمىز دەپ ھالىدىن كېتىپ قالماسلىقى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايدىغان، ئائىلىلىك كىشىلەر ئەر - ئاياللار بار مەسلىھەت ئىش تۇتىدىغان، «يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزىتىدىغان»، يانچۇققا قاراپ پۇل خەجلەيدىغان، ئەھۋالىغا يارىشا ئىش تۇتىدىغان، ئىقتىسادىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويمايدىغان، بەلگىلىك ئائىلە ئىقتىسادى بولۇشنى ئالدىن ئويلىشىدىغان، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان، چوڭلارنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ئوبدان خەۋەر ئالىدىغان، زامانىۋى، كىتابىي بىلىملەرگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، خەير - ئېھسان قىلىش ئارقىلىق روھىي كەيپىياتنى تېخىمۇ ئوبدان تەڭشىيەلەيدىغان، ئىناقلىق ئومۇملاشقان، روھىي كەيپىياتىنى تېتىك تۇتىدىغان، خۇشال - خۇرام كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدىغان، خەلق، ۋەتەن ئالدىدا چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار دېگەن ئىدىيەنى تىكلىگەن، كەلگۈسىگە كۈلۈپ باقىدىغان، زامانداشلارنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ سۆيۈملۈك، مېھرىبان، ساغلام، گۈزەل ئانىسى بولۇش شەرتىنى قەتئىي ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالىي تەرجىمانى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ خانىم بىلەنمۇ ئاياللار ئاۋۇندۇرۇۋەتكەن ئىسراپچىلىق توغرىسىدا سۆزلەشتۇق.

     مۇخبىر: ماھىنۇر خانىم يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسراپچىلىق ئاۋۇپ چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ئاددىي، ئىخچام ھەم كۆڭۈللۈك قائىدە - يوسۇنلىرىمىز ھازىر مۇرەككەپ، رەسمىيىتى كۆپ، تېتىقسىز بىر رەسمىيەتچىلىككە ئايلاندى. «غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك بۇنداق چاكىنا ئادىمىگەرچىلىكلەر كۆپ قىسمىمىزغا بېسىم ۋە باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلسىمۇ، يەنە شۇ قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن، ئەسلى - ۋەسلىمىز كەتسىمۇ بۇ قاينامدا قايمۇقماقتىمىز. ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق قالايمىقان ھەم ئېگىز - پەس ئادىمىگەرچىلىكلەر سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدىكى ئىسراپچىلىقلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

     ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ: گەرچە كۆپىنچىمىز ئىسراپچىلىقنى يوقىتىشنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. قارىسام، جەمئىيىتىمىزدە تۈرلۈك - تۈمەن ئىسراپچىلىقلار، نۇرغۇن بۇزۇپ - چېچىشلارنىڭ سەۋەبكارى قىز - ئاياللاركەنمىز. مەيلى توي - تۆكۈن، مەيلى نەزىر - چىراغ ۋە ياكى باشقا مۇراسىملاردا بولسۇن پۈتكۈل ھەشەمەتنىڭ، پۈتكۈل چاكىنا قائىدە - يوسۇننىڭ، پۈتكۈل ئىسراپچىلىقنىڭ ئىجادكارى ئاياللار بولۇۋاتىدۇ. زامانىۋى ئىسراپچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقاننىڭ ھەممىسى قىز - ئاياللار دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ بىر قىسمى ئەينى چاغلاردا ناھايىتى قىيىن تۇرمۇشلارنى كەچۈرگەنلەر. ئەسلىدە ئۇلار كۆرگەن كۈنىنى ئۇنتۇماي، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاددىي - ساددا ياشاشقا، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۈلگە بولسا بولاتتى، لېكىن ئۇلار قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن، ھەدەپ چوڭچىلىق ھەم ئىسراپچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «نېمىنى خارلىساڭ، شۇنىڭغا زار بولىسەن» دېگەندەك ئىسراپچىلىقنىڭ پايدىسى يوق، بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت ۋەيرانلىق، زارلىقتىن ئىبارەت. بىز ۋاقتىدا ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالمىساق، بۇنداق چاكىنا ئادىمىگەرچىلىكلەرنى ۋاقتىدا يۇلۇپ تاشلىمىساق، ھامان بىر كۈنى مۇشۇ ئىشىمىزغا بەدەل تۆلەيمىز. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى قائىدە - يوسۇنلىرىمىزنى ئۆرنەك قىلىپ، ئادىمىگەرچىلىكنى جايىدا، ئەھمىيىتى بىلەن قىلساق ئىنتايىن ياخشى بولاتتى.

     ئەمدى گېرمانىيەدە ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتقان، ئالىي مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى (ئۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى) نى زىيارەت قىلدۇق:

     مۇخبىر: سىز گېرمانىيەدە ئون يىلغا يېقىن تۇرۇپ قايتىپ كەپسىز، سىز چەت ئەللەردە كۆرگەنلىرىڭىز ئاساسىدا يۇرتىمىزدا ئىسراپچىلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟

     جاۋاب: مەن گېرمانىيەدە توققۇز يىل ئوقۇدۇم. بۇ توققۇز يىل جەريانىدا ھېس قىلغىنىم ئۇلاردا كىيىم - كېچەككە تويۇنۇپ بولغانمۇ ياكى كىيىم - كېچەكنى ئۇنداق مۇھىم بىلمەمدۇ، بىر، ئىككى قۇر كىيىم بىلەن بىر پەسىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. مېنىڭ دوكتور يېتەكچىم ئالىي مەكتەپنىڭ دوكتورى، ئۇلارنىڭ مائاشى يۇقىرى، شۇلارمۇ شۇنداق. ئۇلار ئائىلىگە، بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ۋەتەنگە كەلگەندىن كېيىن مەكتەپتىن 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئالدىم. بىزنىڭ بىرلا پەرزەنتىمىز بار، شۇڭا چوڭ ئۆيلەرگە ئېھتىياجىمىز يوق. ئۆينىمۇ سىلەر كۆرگەندەك ئاددىي، پۇختا كىشىگە ھەشەمەت ئەمەس ئىللىقلىق بېرىدىغان قىلىپ زىننەتلىدۇق. ئۆيدە ئىشلىتىدىغان قاچا - قۇچىلىرىممۇ ئاددىي، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز قاچا - قۇچىلار، ئۆي جاھازلىرىمۇ شۇنداق. بەزى دوستلۇرۇم ماڭا، سەن چوڭ دوكتور تۇرساڭ، ئۆيۈڭ بۇنداق كىچىك بولسا قانداق بولىدۇ، ئۆيلىرىڭ بەك ئاددىي، ئەتە - ئۆگۈن قۇدىلىق بولىسىلەر، ھازىر 5000 - 10 مىڭغا بېرىدىغان يۈرۈشلۈك قاچا - قۇچىلار بازارغا سېلىندى، شۇلاردىن ئالغىن دەپ ماڭا ئەسكەرتكەنمۇ بولدى. دېمەكچى قاچا - قۇچىلىرىڭ مودىدىن قاپتۇ، ئۆيۈڭ مودىدىن قاپتۇ دېمەكچى. مەن بۇلارنى ياخشى ئىشلىتىۋاتسام ئارتۇقچە ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، ئۆيۈمدە قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى، خېمىر كېسىش، يېيىش ماشىنىسى، ھەرخىل سوغۇق قۇرۇما تەييارلاشقا ئىشلىتىدىغان كۆكتات توغراش ماشىنىسى، مېۋە سۈيىنى چىقىرىغان، قەھۋە تەييارلايدىغان ماشىنىلىرىم، ھەرخىل تاتلىق تۇرۇملارنى پىشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بارلىق ئەسۋابلار بار. مېنىڭچە ئىقتىساد يار بەرسە ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى تولۇق قىلساق، ياخشى قىلساق بولىدۇ. بۇنى ئۆزىمىز كۆرىمىز، ئۆزىمىز ئىشلىتىمىز، لېكىن باشقىلارغا كۆز - كۆز قىلىمەن دەپ ئارتۇق پۇل خەجلەشنىڭ ئورنى يوق. مەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى ھەشەمەتچىلىككە بەك ھەيران قالدىم، ھازىر بىزنىڭ دوستلىرىمىزنىڭ ئالدى بالىلىرىنىڭ چوڭ تويىنى قىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ ھەشەمەتلەرگە قاراپ ۋەتەندە 100 مىڭلاپ مائاش بېرىۋاتامدۇ - قانداق، بۇلار پۇللىرىنى قانداق يەتكۈزەر دەپ قالدىم... ئادىمىگەرچىلىكتىمۇ يەنە شۇ ھەشەمەت، ئىسراپچىلىق. ئۆي يوقلاش، باشقىلاردىن ھاردۇق سوراپ بېرىشتا ئۆيدە تاماق قىلىپ باراتتۇق، لېكىن ھەممىسى بازارغا يۈزلىنىپ كېتىپتۇ، كوچىدىن ئالغان تاماقنى يەمدۇ، يېمەمدۇ ئىشقىلىپ كۆركەمنى، قىممىتىنى ئېسىل تۇرىدىغىنىنى ئالسىلا بولدى. قىز چىقارغان دوستلىرىمىزنىڭ ئىسسىقلىق ئاپىرىشىدا بىر قانچە خىل تاماق تەييارلاشنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز، لېكىن دوستلىرىم بازاردىن قىممەت باھالىق تاماقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مەن ئۆيۈمدە قول تۇتىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ شۇنى ئېلىپ بارىمەن، ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدۇ، بۇ يەردە پىخسىقلىق قىلغانلىق ئەمەس، بۇ بىر سەمىمىيەت. ئىسراپچىلىق، ھەشەمەتكە يۈزلىنىپ ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سەمىمىيلىك سۇسلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ.

     نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ خىيالىغا كەلگىنىچە ئىجاد قىلىشىدىن «ئوزۇقلىنىپ» قۇۋۋەتلىنىپ يامراۋاتقان «ئىسراپچىلىق» تىن ئىبارەت بۇ يامان «ئۆسمە» نى يۇلۇۋېتىدىغان چاغ كەلدى.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز