خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ياشلىق مەزگىللىرىدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېرىغاندا بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلىق مەزگىللىرىدە ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن ھەم بۇ ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولىدىكەن. شۇڭا ياشلىق مەزگىللىرىدە زىيادە سەمىرىپ كەتكەنلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.