تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جۇڭگولۇقلار ئالما مەھسۇلاتىغا ئاشىق

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھەرقانداق بىر مەھسۇلات بولماستىن بەلكى جۇڭگو ئىكەن.

جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم رەقەملەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭخۇا رايونىدىكى تىجارىتى ئۈچىنچى پەسىلدە %112 ئاشقان. ھالبۇكى، ئالدىنقى پەسىلدە ئالمىنىڭ تىجارەت كىرىمى %71 ئېشىپ رېكورت ياراتقان بولۇپ، بۇ پەسىلدە يەنە ئاشقان. ئالدىنقى بىر پەسىلدە، تاراتقۇلار جۇڭگو دېھقانلار يىلنامىسىدىكى يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن پەيدا بولغان مال سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى ئالما تىجارىتىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئېشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن نۆۋەتتىكى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئامال يوق بولۇپ، پەقەت «جۇڭگولۇقلار ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئاشىق ئىكەن» دەپلا قۇتۇلۇش مۇمكىن.

ئالما شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك ئىلگىرى، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىمىزغا ئايلىنىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. قارىغاندا ئۇنىڭ بۇ نىشانى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئېشىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، كىرىمى 20.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، جۇڭخۇا رايونىدىكى كىرىمى ئاللىبۇرۇن 13.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

بىراق، جۇڭگو بازىرىدىكى تىجارىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا بولغان تايىنىش، ئالمىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى، بولۇپمۇ، يېقىنقى مەزگىلدىكى پاي بازىرىنىڭ شىددەت بىلەن چېكىنىشى. ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى، كېئون شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى تىموسى ئالمىنىڭ پاي چېكىگە بولغان باھاسىنى تۆۋەنلەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن، چۈنكى «جۇڭگودىكى ئېھتىياجنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسپاتلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ».

كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىغان. ئالمىنىڭ جۇڭگودىكى تىجارىتى تېخى ئەمدىلا باشلانغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالما شىركىتى جۇڭگودىكى دۇكان سانىنى نۆۋەتتىكى 22 دىن 40 قا ئاشۇرۇشنى شۇنداقلا 2016-يىلى ئىچىدە تاماملاشنى پىلانلىغان.

 كۇك بىر قىسىم سانلىق ئۇچۇرلارنى مىسالغا ئالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ LTE كۆچمە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى پەقەت %12 بولۇپ، بۇ iPhone نىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك سىمسىز تور ئۇلىنىشىنىڭ كۆپىيىشىدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. كۇك مېكىنزى شىركىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل ئېلىپ، 2022-يىلى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئائىلىلەرنىڭ %54 ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھالبۇكى بۇ نىسبەت 2012-يىلى %12 ئىدى.

گەرچە، رىقابەتچىلەر مەسىلە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئالما شىركىتى جۇڭگودا يەنىلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ. يېقىنقى بىر پەسىلدە، ئالما شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭخۇا رايونىدىكى iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87 ئاشقان. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى ئاران %5 ئاشقان. كۇك مۇنداق دېدى، ئەگەر iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارىنى چىقىرىۋەتكەندە، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى مەنپىي قىممەتتە. جۇڭگودىكى Mac كومپيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا پۈتكۈل شەخسىي كومپيۇتېر بازىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %2 تۆۋەنلىگەن.

ئالما شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما ئەپ بازىرىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى كىرىمى يېقىنقى بىر پەسىلدە بىر ھەسسە ئاشقان، شۇنداقلا ئالمىنىڭ خېرىدار مىقدارى ئەڭ كۆپ 10 ئەمەلىي دۇكىنىنىڭ ئالتىسى جۇڭگودا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالمىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى كۈچەيتمەكتە.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز