تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شەھەر-يېزا بالىلىرىنى مائارىپتىن تەڭ بەھرىمەن قىلدۇرايلى

2011-يىلى مائارىپ پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى جايلارنىڭ مائارىپ پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، «پىروگراممىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىدە ئاساسىي قاتلامغا قاراپ باقايلى» دېگەن تېمىدا يۈرۈشلۈك زىيارەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

زىيارەت ئۆمىكىدىىكىلەر 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شىنئەن ناھىيەسى ساڭتۇ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سىنىپقا كىردى. سىنىپتا بالىلار ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، چاۋاك چالاتتى، ئىنگىلىزچە سۆزلەيتتى، بالىلار قوشىقى يادلايتتى. بۇ نېمە دەرستۇ؟ كېيىن زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىنگىلىزچە دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدى.

قارا رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان تېتىك ئايال ئوقۇتقۇچى بالىلارغا تۆت پەسىلنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئايال ئوقۇتقۇچى دوسكىغا مىخلانغان تۆت پەسىلگە ئائىت ئىنگىلىزچە تاق سۆزلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۆزى ياسىغان، تۆت پەسىلگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئادەملەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە بولغان تەسىراتىنى بىلدۈرىدىغان تاق سۆزلەرنى چاپلاپتۇ. ھەر بىر پەسىلنى سۆزلىگەندە، شۇنىڭغا ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىسىنى، كېڭەيتىلگەن مەنىسىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەچ ئۈنئالغۇنى ئېچىپ، بالىلارغا ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە بىر كۇپلىت بالىلار قوشىقى يادلىتاتتى ھەم ئېيتقۇزاتتى. ئاندىن دەرسلىكتىكى جۈملىنى ئۈنلۈك ئوقۇتاتتى. بالىلار شۇنداق خۇشال، سىنىپتىكى كەيپىيات شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. مۇئەللىم ھەر قېتىم سوئال ئوتتۇرىغا قويسا، بالىلار بەس-بەستە قول كۆتۈرۈشەتتى. توغرا جاۋاب بەرگەن بالىنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلايتتى، باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختايتتى.

ئۆلچەملىك تەلەپپۇز، جانلىق سىنىپ كەيپىياتى، كۆپ خىل ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قاراپ، بۇنىڭ يېزا-بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئىنگىلىزچە دەرسخانا ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. دەرستىن كېيىن، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ۋاڭ جۈەن بولۇپ، ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ: «دەرسنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆتسەم ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارمۇ ناھايىتى ياقتۇرىدىكەن، كۆپ بىلىمگە ئىگە بولىدىكەن، ئېسىدە ئوبدان ساقلىيالايدىكەن. مەن گەرچە سەل چارچىساممۇ ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن» دېدى.

ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى پىلانى دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان مۇھىم قۇرۇلۇش. خېنەن ئۆلكىسى بۇ پىلاننى 2009-، 2010-يىلى ئۇدا يولغا قويۇپ، 20 مىڭ ئىستۇدېنتنى يېزا مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلاندۇرغان. خېنەن ئالىي مەكتەپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كەسپىي ھەيئىتى جيا شيۇگو مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ۋە ساپاسى خېلىلا ياخشى. ئۇلار ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يۈكسىلىشىدە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا، مائارىپنىڭ باراۋەر تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە مۇھىم روللارنى ئوينىدى».

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز