ئىسپانىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، دائىم زەيتۇن يېغى ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار 4200 دىن ئارتۇق 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ئاياللارنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارغا زەيتۇن يېغى قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى بەرگەن. نەتىجىدە ئۇزاق مەزگىل زەيتۇن يېغى ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 68 تۆۋەنلىگەن.