ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلار قانداق بولىدۇ؟ قارىماققا بۇ سۇئال قىزىقارلىقتەك تۇيۇلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئوسال خوتۇنلار--- تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . ئوسال خوتۇنلارنىڭ ئادىتىمۇ ئوخشىمايدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق ئىشلار ئۈچۈن ئېرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىلىپ ئارام بەرمەيدۇ . ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيدۇ . ئەرلىرى گەپتىن قالمىغۇچە ياكى ئۆيدىن چىقىپ كەتمىگۈچە قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ ساراڭ قىلىۋېتىدۇ . ھە دېسىلا قىلغان ئىشلىرىنى پەش قىلىپ ، ئۆلگۈچە مىننەت قىلىدۇ . ئەرلىرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ . ھەتتا ھېچ ھېيىقماستىنلا : " مەن سېنىڭدىن ھىچبىر ياخشىلىق كۆرمىدىم ، ئىسىت ، سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە " دەپ ئاجراشماقچىمۇ بولىدۇ . ھالبۇكى ، بۇنداق خوتۇنلار ئۆزلىرىنى بەختسىز قىلغىنىنى ئاز دەپ ئەرلىرىنىمۇ ھەسسرەتتە قالدۇرىدۇ . بالىلارنى يىتىم قالدۇرىدۇ . ئەپسۇس ، ئۇلار بۇ خىل ئوساللىقتىن كۆرە ، ئەرلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەي ، سىلىق - سىپايىلىق بىلەن ئۆز مەقسىتىنى چىرايلىقچە دېسە ، ئەرلىرىنىڭ ئىخلاس ۋە مۇھەببىتىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولار ئىدى .
يۇقۇرقىلاردىن ئوسال خوتۇنلارنىڭ قىسمەن ئادەتلىرىنى بىلگەنمۇ بولدۇق ، شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ : ئوسال خوتۇنلارنىڭ مىجەزى تەبىئىي شۇنداق بولامدۇ ياكى تۇرمۇش شۇنداق ئوسال مىجەزلىك قىلىپ قويامدۇ ؟ ئوسال خوتۇنلار بىلەن تەربىيە كۆرگەن ئاياللارنىڭ پەرقىي نەدە ؟ ئوسال ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئوسال دەپ ئاتالغان ؟ "ئوسال" لىق قانداق پەيدا بولغان ؟ سىزمۇ دەڭ ، مەنمۇ دەي ، ئۇمۇ دېسۇن ...... ئوسال ئاياللارنى بۈگۈن بىر شەرھىلەپ باقايلىچۇ ؟