چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، Mozilla نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش مۇدىرى يىقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان ، يەنى سونىي شىركىتىنىڭ Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن يېڭى تىپتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يانفۇنى يىقىندا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ ، Mozilla بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى يانفۇن بازىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يانفۇن بازىرىغا قاراپ يۈزلىنىدىكەن .
بۇ مۇئاۋىن باش مۇدىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ھازىر ئىككى تەرەپ مەھسۇلات ئېچىش باسقۇچىدا ئىكەن ، ھازىرچە ئاندىرويىد ۋە iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازاردىكى ئورنى ۋە تەسىرى سەۋەبلىك ، Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسلىق تۆۋەن دەرىجىلىك يانفۇنلارغا ئىشلىتىلىپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى ھازىرلىنىدىكەن ، شۇنداقلا Mozilla مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن ئوتتۇرا تۆۋەن دەرىجىدىكى يانفۇنلار بۇ يىل 7-ئايدا ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىكەن . Mozilla ھازىر سونىي ، LG ، جوڭشىڭ ، خۇاۋېي ، Alcatel قاتارلىق يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىۋىتىپتۇ ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 18 تېلېگراف شىركەتلىرى Mozilla بىلەن ھەمكارلىشىپ Firefox OS مەشغۇلات سىستىمىسنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .
بۇ مۇئاۋىن باش دېرىكتور يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، يەنى Mozilla نىڭ ئاندرويىد ۋە IOSدىن قالسىلا 3-چوڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار .
مۇناسىۋەتلىك تەھلىلچىلەر Mozilla نىڭ 3-ئورۇنغا ئۆتەلىشىگە گۇمانلاندى ، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا يەنە Ubuntu ۋەTizen OS قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى Mozillaنىڭ كۈچلۈك رەقىبلىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .