ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە ئىككى كەلىمە
ئاياللار كۆپ خىيال قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار كۆپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلىنىشلەرنى بشىدىن ئۆتكۈزىۋېرىپ ئاخىر پىشىپ قالىدۇ. ئەرلەرنىڭ يۈكى ئېغىر بولغاچقا ئوڭۇشسىزلىققا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلار نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋېرىپ، ئاخىر قەيسەرلىشىپ كېتىدۇ.
ۋاقىت- ئاياللارنىڭ تەلەپكار ئۇستازى.
كەچۈرمىش- ئەرلەرنىڭ دەرسخانىسى.
ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا نسبەتەن ئېيتقاندا ئەرلەر ئىقتىدارسىزلىقتىن ئەڭ قورقىدۇ. ئاياللار بولسا نادانلىقتىن ئەڭ قورقىدۇ. ئىقتىدارسىز ئەرلەر ھەمىشە ئاياللارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ. نادان ئاياللار ئوڭايلا ئەرلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىدۇ.
شۆھرەتپەرەس ئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا نادان كېلىدۇ. شان- شەرەپ تۇيغۇسى يوق ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىدارسىز كېلىدۇ.
قىز- يىگىتلەر سۆھبەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە كۆپىنچە ئەرلەر قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىزلار بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇللۇق چۈشىنىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. بۇ ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى يەنە بىر پەرقتۇر.
ئاياللار مەلۇم سىرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلەيدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنى جەلىپ قىلىدۇ. ئەرلەر بولسا ئاق كۆڭۈللىكى ۋە كەڭ قۇرساقلىقىغا تايىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە قەلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
مۇھاببەت داۋامىدىكى كۈندەشلىك كۆپىنچە ھاللاردا سۆيگۈدىن ئاپىرىدە بولىدۇ. كۈندەشلىك يەنە كېلىپ مۇھاببەتنى ۋەيران قىلىدۇ. كۈندەشلىكى بولمىغان مۇھاببەت ناھايتى سۇس بولىدۇ ۋە ياكى ئۇ بەلكىم چىن مۇھاببەت بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن زىيادە كۈچلۈك كۈندەشلىك ھەمىشە بىنورمال مۇھاببەت قاتارىغا كېرىدۇ، بۇ ئاخىر بېرىپ مۇھاببەتنى نابۇت قىلىدۇ.
مۇھاببەت كۈندەشلىكتىن قورقمايدۇ، لىكىن كۈندەشلىكنىڭ چېكى بولىدۇ.