تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلار ساغلاملىقى


بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىك كېسىلى بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلاردا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا مۈڭگۈز پەردە يېنىدىكى كۆز ئالمىسى بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەر قۇرغاقلىشىپ پۈرۈلىدۇ ھەمدە سوپۇن كۆپۈكىگە ئوخشاش ئاق داغنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەل ئەھۋالى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، مۈڭگۈز پەردە دۇغلىشىش، يۇمشاپ كېتىش ۋە يارا بولۇپ تېشىلىش سەۋەبىدىن كۆز قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، تىرناق نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ ھەم ئاسان سۇنىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ، سۈيدۈك قويۇق بولۇپ، بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا ۋىتامىن A نىڭ كەم بولۇپ قېلىشىغا ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇلماق، مايسىز سۈت، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قۇشۇمچە يېمەكلىك يېمىگەنلىكى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى، مەسلەن: ئۇزاق مەزگىل قورسىقى ئاغرىش ، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي تۇبېركۇليوزى، ئۆت يولى توسۇلۇپ قېلىش، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە قىزىل قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. ۋىتامىن A ئانا سۈتى، كالا سۈتى، جىگەر، تۇخۇم تۈرلىرىدە ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/03/content_495539.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز