تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

يالغان سۆزلەش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پىسخىك ھالەت. بالىلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلمىگەچكە يالغان سۆزلەيدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشى مەقسەتلىكمۇ – ئەمەسمۇ دېگەننى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر بالىلار مەقسەتسىز يالغان سۆزلىسە، بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىش ھاجەتسىز. مەقسەتسىز يالغانچىلىق بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تۈگەيدۇ. ئەگەر بالىلاردا دائىم يالغان سۆزلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوڭلار ئەھۋالنى توغرا تەھلىل قىلىپ، بالىلارغا يالغان سۆزلەشنىڭ ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، يالغان سۆزلىشىنى ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك. بولمىسا بالىلاردا يالغان سۆزلەش ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلار يالغان سۆزلىگەندە، ئۇلارنى ئورۇنسىز ئەيىبلىمەسلىك، بالىلارغا ئىشىنىش كېرەك. گېرمانىيەلىك مائارىپشۇناس دورۇت كېرىچ ئېيقاندەك: ‹‹ئەگەر ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ يالغان سۆزلىشىگە نىسبەتەن تەمكىن، ئېغىر – بېسىق، چۈشىنىش شەكلى بىلەن مۇئامىلە قىلالىسا، نورغۇن يالغان گەپ ۋە ئورۇنسىز تالاش – تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بالا بەزى ۋاقىتتا ئەيىبلەشتىن قورقۇپ ياكى خىجىل بولۇپ يالغان سۆزلەيدۇ. ئاتا – ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىدىم، دەپ ئويلايدۇ. بالىلار يالغان سۆزلىگەندە، ئۇلارنى راستچىل بولۇشقا زورلاۋەرمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالىلار تېخىمۇ كۆپ يالغان گەپلەرنى توقۇپ چىقىرىدۇ››. كېرىچ بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنى چوڭلارغا بولغان ئىشەنمەسلىك دەپ قارايدۇ. چوڭلار بۇنداق ئەھۋالدا بالا ھەرقانداق خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ھەرىكىتى بىلەن ھېس قىلدۇرالىسا، يالغانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭلار بالىلار ئالدىدا يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك. ئەگەر چوڭلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا، يالغان سۆزلەشكە ئادەتلەنسە، بۇنداق يالغانچىلىق بىلىپ – بىلمەي بالىلارغىمۇ يۇقىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار ‹‹ماڭا تېلېفون كەلسە، دادام قايتىپ كەلمىدى دەپ قوي››، ‹‹سەن تېپىۋالغان نەرسە توغرىلىق گەپنى باشقا يەردە دەپ يۈرمە›› دېگەندەك يالغان گەپلەرنى بالىلارغا ئوچۇقتىن – ئوچۇق دەپ، بالىلارنىڭ ئىدىيەسىدە ‹‹چوڭلار يالغان گەپ قىلسا بولىدىكەن، يالغان گەپ قىلىش نورمال ئەھۋال ئوخشايدۇ›› دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

قىسقىسى، بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، مۇھىمى بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبىگە دىققەت قىلىپ، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش لازىم. شۇندىلا بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە ۋاقتىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/01/content_503829.htm 




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز