مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك.
كۈندە ئىشلەپ ئارام ئالماسلىق. ئۇزاققىچە بىرلا خىل خىزمەتنى قىلىش كىشىنى زېرىكتۈرىدۇ، لېكىن بۇ خىل زېرىكىش بەدەننى چارچىتىدۇ، شۇڭا ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشىش كېرەك.
چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەسلىك. ئۇزاققىچە چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەندە، دائىم چېنىققان مۇسكۇللار زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا تۈرلۈك ئۇسۇلدا چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئۇزاققىچە سوغۇق سۇدا چىش چوتكىلاش. دائىم سۇغۇق سۇدا چىش چوتكىلىغاندا، چىش مىلكى قاناش ۋە باشقا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا چىشنى ئىلمان سۇدا چوتكىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/05/content_496079.htm