ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھەر كۈنى ئارغامچىدىن سەكرەپ بېرىڭ.
ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا كۈن كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ بولمايدۇ.
ۋىتامىن تولۇقلاپ تۇرۇڭ.
بۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا ھايۋانات جىگىرى، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى ئاز كىيىڭ.
ئەگەر دائىم كىيىنىۋالغاندا ئاسانلا ئوشۇق زەخمىلىنىدۇ، بولۇپمۇ پاشنىسى ئىنچىكە، ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى كىيگەندە سالامەتلىككە زىيىنى باركى، ھەرگىزمۇ پايدىسى يوق.
ئاز-ئازدىن شاكىلات يەپ بېرىڭ.
بۇنىڭ جىددىيلىشىشنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقىغا ئوخشاش ئوكسىدلاش رولىغا ئىگە.
بۇرۇن ئۇچىنى ئۇۋۇلاپ بېرىڭ.
قولنىڭ ئالقىنى بىلەن بۇرۇننىڭ ئۇچىنى ئاغرىتمىغان ئاساستا، 30سېكۇنت تەكشى، مۇۋاپىق بېسىپ كىرگەندە نېرىپلارنى ئارام ئالدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىڭ.
كۈن نۇرى يېتەرلىك بولغان مۇھىتنىڭ غەمكىنلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، كۆڭۈلنىڭ خۇشال تۇرۇشىغا ياردىمى بار.