ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا ،مۇھەببەت بىر خىل جىددى خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن .
بىر ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغاندا كۆڭلى ھېچنىمىنى تارتمايدۇ ،ئۇيقۇسى كەلمەي ،ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلىدۇ . گەپ-سۆزلىرى سۆيگىنىنىڭ گۈزەل جامالى ھەمدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە بولىدۇ .بۇ خىل ھەرىكەت خامۇشلۇق تۈرىدىكى جاھىل كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ .
ئالىملارنىڭ قارىشىچە ،بۇ بىر خىل پىسخىئولوگىيلىك توسالغۇ بولۇپ ،چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدىكى نېرۋىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىكەن .ئەگەر ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىن بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپنى تېپىشقا توغرا كەلسە ،ئالىملار: بۇ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدا بېسىپ ئۆتۈش زۆرۆر بولغان باسقۇچ بولۇپ ،ئۇ ئادەمنىڭ بىر خىل تەبئىي سەزگۈسىدىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرىشىدۇ .
ئىنسانلارمۇ باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتىن ئىبارەت بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىككە گېرىپتار بولغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار مۇھەببەت قاينىمىغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ-دە ،ئاخىرىدا بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرۇپ ،مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان پەرزەنتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.