تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2015-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا جەمئىي 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، يەرلىكتىن 9530 نەپەر، بىڭتۈەندىن 350 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. 7-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى 22 دىن باشلاپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 40939 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 4000 نەپەر كۆپ بولغان، بۇ يىل تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىش يولغا قويۇلغان، ئوقۇغۇچى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاساس قىلىنىپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىن جەمئىي 5900 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ %59.72 ىنى ئىگىلىگەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى %77 تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئاسىيا كىندىكى تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز