تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يېمەكلىك ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئالىملارنىڭ 20يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىش نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، بەزى بەلگىلىك يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىدە بەزى خىمىيىۋى ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىكەن. 


قىزىل مۇچ يېيىشكە ئامراق ئادەملەر ھەمىشە ئۇنىڭ تەمىگە جەلپ بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ تەمىدىن قىسقا ۋاقىتلىق خۇشاللىق ھېس قىلىدىكەن. چۈنكى، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى قىزىلمۇچ ماددىسى ئېغىز نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاچچىق تۇيغۇ ھاسىل قىلغاندا چوڭ مىڭە بىرخىل ماددا قويۇپ بېرىدىكەن، بۇنداق ماددا ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن. 


ئەتىگەندە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسە ھەقىقەتەن روھنى كۆتۈرۈپ، مېڭىنى سەگىتىدىكەن. قەھۋەدىكى كوفىيىن قان بېسىمىنى بىردەملىك ئۆرلىتىپ ھەم ئادەمنى ئۈگدەك باستۇرىدىغان خىمىيىلىك ماددىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى توسۇيدۇ. ئەمما كۈنىگە ئۈچ ئىستاكاندىن جىق قەھۋە ئىچسە، ئەكسىچە ئادەمنى سەپرا تېرىككەك قىلىپ قويىدىكەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچسە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىكەن.


شاكىلاتقا ئاياللار ئامراق كېلىدىكەن، بولۇپمۇ ھەيز كۆرۈشتىن ئىلگىرىكى يىغىندا ئالامەت ياكى ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئاياللار يېيىشكە ئامراق يېمەكلىك. چۈنكى شاكىلات تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول، تاتلىق تۈرۈمگە ئوخشاشلا تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. 


ئاپلېسىن بىلەن ئۈزۈمدە ۋىتامىنCمول بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە ۋىتامىنCكەم ئادەملەر ھەر كۈنى ئىككى تال ئاپلىسىن ياكى 350گرام ئۈزۈم يېسە، 150مىللىگرام ۋىتامىنC تولۇقلاپ، مىجەزدىكى ئىتتىكلىك، سەپرالىق، غەمكىنلىك ئوڭشىلىدىكەن. ئۇلارنى كۆپرەك يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. 


باناندا ماگنىي كۆپ، ماگنىي جىددىلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا تۇرمۇشى جىددىيچىلىكتە ئۆتىدىغانلار باناننى كۆپرەك يېسە جىددىي كەيپىياتى ئوڭشىلىدىكەن. 


قىشلىق موگۇدا ۋىتامىنE ۋە ۋىتامىنD كۆپ بولۇپ، فېرمېنت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەزى راكلارغا ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن سىرت، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ قان بېسىمنى تەڭشەپ جىددىي كەيپىيات ۋە روھىي بېسىمنى پەسەيتىدىكەن.


سۈت، قېتىق، پىشلاق قاتارلىق سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىك، يېمەكلىكلەردە كالتىسىي كۆپ، يەنە كېلىپ سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىك، يېمەكلىكلىرى كەيپىياتنى تىنچلاندۇرىدىكەن. كەيپىيات ناچار چاغدا سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىك، يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىچسە ياكى يېسە، ئادەم ئاچچىقلانمايدىغان بولىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز