ئالدىنقى كۈنىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانىدا، 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدىكى خاسلىققا ئىگە مەكتەپلەرنى بېكىتىش سىناق رايونلارنى تاللاش تىزىملىكىگە رايونىمىزدىكى 335 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تاللاندى.
بۇ 335 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنى، شۇنداقلا بىڭتۈەن مەكتەپلىرىنى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 100-ئوتتۇرا مەكتەپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، كونا شەھەر ناھىيە سايباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، قورغاس ناھىيە لەڭگەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلىغا بارغاندا، 20 مىڭدىن كۆپرەك خاسلىققا ئىگە پۇتبول مەكتىپى ۋە 30 نەچچە سىناق رايون تاللاپ چىقىپ، بۇ يىل تۈركۈملەرگە بۆلۈپ، قاتلاملار بويىچە 5400 نەپەر پۇتبول ئوقۇتقۇچىسى، خاسلىققا ئىگە پۇتبول ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن 2000 نەپەر يېتىشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.