6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېكىتى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توپلىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تىزىملىتالمىغان.
بۇ ئەھۋالغا قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تىزىملىتىش ۋاقتىنى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 18:30 غىچە ئۇزارتىلغانلىقى، توردا ھەق تۆلەش ۋاقتىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 18:30 غىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .