تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىچى سۈرسە ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

ئادەتتە كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ‹‹بىرەر نەرسىنى قالايمىقان يەۋەلغان ئوخشايدۇ، كېيىنچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ›› دەپ قاراپ، بۇنىڭدىن ئانچە چۆچۈپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىچ سۈرۈشنىڭ، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت ئىچ سۈرۈشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر بولۇپ، بۇ بالىنىڭ كېيىنكى بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشمۇ مۇمكىن.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى رەنا مەمەت مۇنداق دەيدۇ: كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش بالىنىڭ پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنى يەۋېلىشى، ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىش، قورسىقى ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قىزىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئەگەر بىر كۈندە ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى بەش قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئىچ سۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇ تۈردىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ ۋاقتى بىر ئاز قىسقا، 10 كۈن ئەتراپىدا ياخشى بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشتە بالىنىڭ ھەر كۈندىكى چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئۈچتىن ئېشىپ كېتىش، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بالىغا سۈت زىيان قىلىش سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇنىڭدا قورساق ئاغرىقى روشەن بولمىسىمۇ قورساق كۆپۈۋالىدۇ. گەرچە كېسەللىك ئەھۋالى روشەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىچ سۈرۈۋەرسە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بالىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى بالىغا لازىم بولغان كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ماددىلارنىڭ تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا بالىدا ئىچ سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، بولۇپمۇ چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش، ئىچ سۈرۈۋاتقان بالىنى قۇۋۋەتلىك باقىمەن دەپ گۆش، ياغ، شورپا قاتارلىق تائاملارنى بەرمەسلىك، قايناق سۇنى كۆپرەك بېرىپ سۇسىزلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

ـــ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  




ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز