پاقا بىلەن قۇتلۇق
(مەسەل)
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
قۇتلۇقنىڭ ئۆيى چەكسىز كەتكەن بىر سازلىققا يېقىن يەردە ئىكەن. بىر كۈنى قۇتلۇق مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكچى بوپتۇ. بىراق، پاقىنىڭ توختىماي كوركىرىشى ئۇنىڭ جېنىغا تېگىپتۇ. بۇرۇن پاقىنىڭ كوركىرىشىغا ئانچە قۇلاق سالمايدىغان قۇتلۇقنىڭ بۈگۈن دىققىتى چېچىلىپ كېتىپتۇ. «ئاشۇ پاقىنى تېپىۋالىدىغان بولسام...» ئۇ شۇنداق غودۇڭشىغىنىچە پاقىنىڭ سىياقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ – يۇ، قورقۇپ كېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ پاقا بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش نىيىتىگە كەپتۇ. قۇتلۇق سازلىقتىن بىر پاقىنى تېپىپتۇ ۋە ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىپتۇ:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاقىجان، سەن نېمانچە توختىماي كوركىراۋېرىسەن؟
— مەن كوركىرىمىدىم، ناخشا ئېيتىۋاتىمەن.
— ناخشا ئېيتىۋاتىمەن، سېنىڭ كوركىرىشىڭنى قانداقمۇ ناخشا ئېيتتى دېگىلى بولسۇن؟ بوپتۇ، سېنى ناخشا ئېيتتىمۇ دەيلى، ناخشا دېگەنمۇ شۇنداق ئۇزۇن بولامدۇ؟
— ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مەن مۇشۇ سازلىقتىكى داڭلىق ناخشىچى، بىراق، مېنى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ ناخشىچى ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلسا مەنمۇ بىر مەزگىل ئارام ئالغان بولاتتىم.
— مەن سېنىڭ ناخشىچى ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلدىم، مېنىڭ دوستلىرىممۇ سېنى ماھىر ناخشىچى دەپ ماختايدۇ.
قۇتلۇقنىڭ پاقىنى كوركىراشتىن توختىتىش ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويغان گېپى ئۇنى بەك خۇشال قىلىۋېتىپتۇ. پاقا دەرھال كوركىراشتىن توختاپتۇ. بۇ دەل ئالتىنچى ئاي مەزگىلى ئىكەن. پاقا شۇنىڭدىن كېيىن پەقەت شۇ ئايدىلا كوركىراپ، باشقا چاغلاردا كوركىرىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.