نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش پىسخىكىسىنى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چاچ بويىقى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيمەكتە. ئەمما چاچ بويىقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم:
بىرىنچى: ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسان ئۆچمەيدىغان بوياقلارنى ئاز ئىشلىتىش، ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشىسى رەڭگى سۇسراقىنى ئىشلىتىش ھەم ئوخشىمىغان بوياقلارنى بىر ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بوياقلار ئارىسىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئۇزاق ۋاقىت كۆپلەپ بوياق ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ خىمىيەلىك بىرىكمە بوياقلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر چاچ بويىغاندا تېرە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قايتا چاچ بويىماسلىق كېرەك.
ئىككىنچى: چاچ بوياش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك، بوياشتىن بۇرۇن باشقا ئازراق ۋازىلىن سۈركەش لازىم. ئەگەر سۇيۇق دورا سۈركەلسە، يۇيۇش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. چاچنى بوياپ بولغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا بىرقانچە قېتىم يۇيۇش ، بوياق قالدۇقلىرىنى قالدۇرماسلىق كېەك. چاچ يۇغاندا باش تېرىسىنى بەك تاتلىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى: چاچ بويىغاندا كىرپىك ۋە قاشنى بويىماسلىق كېرەك. بوياق رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەر چاچ بويىماسلىقى كېرەك. ئەگەر بوياشقا توغرا كەلسە، چوقۇم رېئاكسىيە سىنىقى قىلىپ بېقىش يەنى بوياقنى قۇلاقنىڭ كەينىگە سۈرتۈپ بېقىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە ھىچقانداق رېئاكسىيە يۈز بەرمىسە، ئاندىن بوياش كېرەك.