خوتەن شەھىرى روھچىن سودا چەكلىك شىركىتى 2011–يىلى 11–ئايدا قۇرۇلۇپ، 2013–يىلى رەسمىي كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان. دەسلەپ پىنتوزا مەھسۇلاتى ئىشلىگەن بولۇپ، ئارقىدىن خېمىرتۇرۇچ، ئاچچىقسۇ، كەسمە چۆپ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بازارغا سالغان. شىركەت نۆۋەتتە بىر مىليون كاپىتال بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، ئىككى يەردە زاۋۇتى، 24 ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، ئۈچ چوڭ تۈر ۋە 11 خىل مەھسۇلاتنى مۇنتىزىم ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلىغان ئۆلچەملىك شىركەت.
روھچىن سودا چەكلىك شىركىتى ئەنئەنىۋى ئىستېماللىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن پەرقلىق بولۇش نىشانىنى تۇرغۇزغان. مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمى، تەبىئىتى، خۇرۇچلىرى، ئورالما قاپ، باھا ۋە مۇلازىمەت جەھەتلەردە ئۆزگىچىلىك ۋە ئەۋزەللىكنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. يېڭىلىق يارىتىشتا ئىلگىرىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىغاندىن سىرت، تېخىمۇ قولاي، تەبىئىي، يېقىشلىق، تەملىك بولۇش كۆزلەپ، يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ئۆزگىچە قىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ.
روھچىن يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى كەسمە چۆپ، ئاچچىقسۇ، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئالتە خىل مەھسۇلاتى بازارغا كىرگەن. كېيىنكى قەدەمدە يەنە بەش خىل مەھسۇلات بازارغا كىرىدىغان بۇلۇپ، مەھسۇلات تۈرى 10 خىل ئەتراپىدا بولۇش پىلانلىنىۋاتىدۇ. (ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكالەتچىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالاقە: 13399033331، 0903–3043888)
كوزۇرلۇق مەھسۇلاتى— «روھچىن كەسمە چۆپ»ى تەركىبىگە زەيتۇن مېيى، نۇقۇت، تۇخۇم، زەپە خەمىكى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئادەتتىكى بىر كەسمە چۆپ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سۈپەتلىك ۋە ئۆزگىچە مەھسۇلاتقا ئايلاندى. (ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكالەتچىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالاقە: 13399033331، 0903–3043888)
ئالاھىدە مەھسۇلاتى — «روھچىن ئاچچىقسۇيى»گىمۇ قاقىلە، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، سامساق، ئاقمۇچ، قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابەت خۇرۇچلىرى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق ۋە تەجرىبە قىلىش ئاساسىدا قېتىلغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، پايدىلىق تەركىبلەر مول بولغان مەھسۇلاتىغا تۈرىگە ئايلاندۇرۇلدى. (ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكالەتچىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالاقە: 13399033331، 0903–3043888)
يەنە بىر ئۆزگىچە مەھسۇلاتى—«روھچىن خېمىرتۇرۇچ»ى بولسا تەركىبلىرىنىڭ تەبىئىيلىكى، سۈپەتلىكلىكى، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «يۇقىرى ئۈنۈملۈك» دېگەن نامغا نائىل بولدى. (ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكالەتچىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالاقە: 13399033331، 0903–3043888)
نۆۋەتتە، روھچىن مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچى، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق ئالتە چوڭ شەھىرىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. روھچىن يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىشنى شىنجاڭ «ئىبرانە» خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، روھچىن ۋە ئىبرانە ئىككى شىركەت ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. ئىشىنىمىزكى، روھچىن شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنى توختاتماي، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەھسۇلات سۈپىتى ۋە تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقىمىز تۈرمۇشىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھ بولۇپ قالغۇسى.