كۆكتاتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشى رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتىكى قائىدە بويىچە رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن ۋە ۋىتامىننىڭ مىقدارى شۇنچە مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە ئادەتتە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغانلىرى يېشىل كۆكتاتلار. مەسلەن، پالەك، كەرەپشە، كۈدە قاتارلىقلار. تەركىبىدە ئاساسلىقى ۋىتامىنB1 ، B2، C ۋە مول كاروتىن، مىكرو ئېلېمېنىتلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قىزىل رەڭلىك ياكى سارغۇچ قىزىل رەڭلىك كۆكتاتلار مەسلەن، پەمىدۇر، سەۋزە، چاقما كاۋا قاتارلىقلار بولۇپ، تەركىبىدە B- كاروتىن بولۇپ، بەلگىلىك راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار. پەمىدۇردا پەمىدۇر قىزىل پىگمېنتى ۋە مول ۋىتامىن C بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رولى بار. سۇس سېرىق رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. مەسلەن، ياڭيۇ، ئوسۇڭ قاتارلىقلار. ئوخشاش بىر خىل كۆكتاتقا نىسبەتەن رەڭگى قېنىق بولغىنىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى رەڭگى سۇس بولغانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
مەسىلەن، قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى كاروتىن سېرىق رەڭلىكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. كاروتىن بەدەندە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ. كۆزنىڭ نۇرمال كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ھەم ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىر تۈپ سەيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رەڭگى قېنىق بولغان قىسىمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى رەڭگى سۇس بولغان قىسىمىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. مەسلەن: كەرەپشىنىڭ يۇپۇرماق قىسىمىدىكى ۋىتامىن C ۋە كاروتىن مىقدارى غول قىسىمىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا كەرەپشىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك.