تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ؟

 


ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : <<قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا باراۋار بۇلۇشقا ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار ، تەقۋادار بولساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ ، رەھىم قىلىدۇ >> قۇرئان كەرىم سۈرە نىسا 129-ئايەت . 
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەم : ‹‹ تاماق يىگەن چېغىڭدا تاماق بىلەن تەمىنلىگىن ، كىيىم كىيگەن چېغىڭدا كىيىم بىلەن تەمىنلىگىن ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرمىغىن ، ئۇنى سەتلىمىگىن ، نورمال مۇئامىلىدە بولغىن ، زۆرۈر بولغاندا بىر تۆشەكتە بولماستىن ئۆيدىن باشقا يەرگە تاشلاپ كەتمىگىن ›› دىدى . 
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دىدى : دۇنيا دىگەن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ، دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر >> دىدى . دىمەك يۇقىرىقىلار قىزلار ۋە ئاياللارغا ئېيتىلغان ئىبارىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ . 
دىمەك ، قىزلار ئاجىز ، ھەممە سەتچىلىكنى شۇلارغا ئارتىپ تۇرۇۋېلىپ كۈچلۈكرەك بولغان بىز ئەرلەر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تۇرىۋالساق تازا توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن ... ئەسلى سۇنىڭ بېشى لاي ...باش بولسا كىمى بولىدۇ ؟ بىز ئەرلەر بولىمىز . بۇرۇن ئىنتىرنېت تور تەرەققى قىلمىغا ن ياكى يوق ۋاقىتلاردا قىزلىرىمىزنىڭ كوچا -كويلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن مېڭىپ نۇمۇسنىڭ بېشىنى يەرگە قاراتقان ناتىۋانلىرىمىزنى يوغان قورساق پۇلدارلارنىڭ ، بەچچىۋازلانىڭ ئالداپ سىلاپ ياكى ئۇنىمىسا زورلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ياقلارغا تارتىپ كىتىشى تالاي شۇنداق سۈزۈك سۇلىرىمىزنى يولدىن چىقارغان ...ئۇلارنىڭ ھالىنى ئېيتقۇدەك نەرى بار . ..ئەمدىلىكتە ئۇچۇرلىشىشىنىڭ بۇ زامانىۋى دەۋىرلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەپتى -بەشىرىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ، ئۇنداق بۇزۇقەي ، مۇنداق بۇزۇقەي دىيىشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ۋىجدانىغا دۇرۇس كېلەمدۇ؟؟ بىر ئۇغۇل بىلەن بىر قىزنى سۇقۇشقا سېلىپ قويسا قىز تاياق يەپ كىتىشى مومكىن . ئۇنداقتا بۇ يەردە ئۇغۇل كۈچلۈك دىگەن مەنا چىقتى ،.سىز بىر ئاجىزنى كۈچلۈك قوللىرىڭىز بىلەن تارتىپ ئۆزىڭىزنىڭ شەھۋانى نەپسىڭىز ئۈچۈن ئاستىڭىزغا باسقىنىڭىزدا ، سىزنىڭ كاللىڭىزغا ئاتا - ئانىسى كىچىكىدىن تەربىيىلەپ نى ئارزۇ - ئۈمۈتلەر بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان بىر مەزلۇمنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقىڭىز كەلدىمۇ...؟؟؟ ياق... ئۇنىڭ تىپىچەكلىگىنى ، يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى سىزنىڭ مۇز باسقان دىۋانىنىڭ قېتىپ كەتكەن خۇرجۇنىدەك بۇلۇپ كەتكەن قەلبىڭىزنى ئىرىتەلمەيدۇ... 
  ئالى مەكتەپ بوسوغىسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان ، كەلگۈسىدە ياخشى ئۇقۇپ ، دوكتۇر ياكى ئالىم بۇلۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئاجىزنىڭ قېشىغا << مەڭگۈلۈك مۇھەببەت >> ئۈچۈن بىر يىگىت كىلىپ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى . ئىش ئۇنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىشقا باشلىدى ..ئۇ يىتگىتنىڭ بىرلا ئويى بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ بۇ قاماققا چۈشكەن بېلىقنى راسا بىر مەززە قىلىپ يەۋېلىش ئىدى ...بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ئادەت بۇلۇپ كەتكەن ..كۆنگەن خۇي ئىدى.. ئېيتىڭە ، سىزچە ئۇ قىز شۇنچە يىراقتىن مۇھەببەت ئۈچۈن كەلگەنمىدى ...ياكى ئۇ قىز باشتا بىرەر يىگىتنى كۆزلەپ ئۇنى قولغا كەلتۈرمەكچىمىدى .؟ بۇنىڭغا چۇقۇم قىزلار ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ . ئوغۇللار بەز يىمەيدىغا مۆشۆك بارمۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ... يالغۇز بىر ئۇغۇل ئورمانلىقنىڭ قېشىدا كىتىپ بارسا ئۇنى بىر قىز كىلىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كېتەرمۇ ؟ بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز ...؟ سىز شۇ بەزنى يىمىسىمۇ ، يىگۈسى يوق بولسىمۇ زورلاپ تاڭدىڭىز .،ئامال - چارە قىلدۇق .. ئالداپ - سىلاپ سورۇنلارغا ئاپاردۇق ، ئىچمىسە زورلىدۇق ، ئىچىملىكىگە ئۇخلىتىش دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى قاتتۇق ، شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ رەزىل مەقسىتىمىزگە يەتتۇق ..ئويلاپ باقايلى ، قىزلار مۇشۇنداق قىلارمىدى ؟ بىزنى ئالداپ ئەكىلىپ ئىچىمىلىكىمىزگە دورا قوشىۋېتەرمىدى؟؟؟ ..بۇ مومكىنمۇ ؟؟؟ سورونلاردا قىزلارنى يەنە شۇ ‹‹مەرت›› ئوغۇللار مېھمان قىلىدۇ ، شۇنداق سورۇن قۇرۇپ ‹‹كۈندە كەچتە ئۇ يەردە ئۇچىرىشايلى ، بۇ يەردە ئۇچىرىشايلى ›› دەپ قىزلارنى ئاتا - ئانىلىرىغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ يېنىڭىزغا ئەكىلىپ خالىغىنىڭىزنى قىلىدىغان ، شۇلارنى كەيىپكە ، ئويۇن - تاماشىغا مەپتۇن قىلغان بىز ئوغۇللاردۇ ؟؟؟ ياكى قىزلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە كىلىپ ئىسقىرىتىپ بىزنى ئاتا - ئانىمىزغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ ئالدىغا چىقىرامدۇ؟؟؟؟ شۇلارنى جەمئىيەتكە ، كوچىغا كۆندۈرگەن بىز ئۆزىمىز .... شۇنداق ئىپادىگە كۆنگەن قىزلىرىمىز بىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، بىزنى ئىسقىرتقۇزۇش ئۈچۈن ، سورۇنغا ئۆگەنگەنلىرىمىز تاماشىغا ، ئويۇنغا چاقىرتقۇزۇش ئۈچۈن تار كىيدى ...نىپىز كىيدى ..بىلىنى كۆرسەتتى ..مەيىدىسىنى ئاچقىلى تۇردى ...ھەممە ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنى ئويلايدۇ .. بۇ بىز ئوغۇللاردىن قىزلارنىڭ بەكەرەك ئىپادىلىنىدۇ ..ئەرلارنىڭ قەلبى بۇرۇندىنلا بۇزۇلۇپ كونىراپ كەتكەن ، يېڭىلىقنى ماراپ تۇرىدۇ ..قولىدىكى سېسىق پۇلىنى كۆز - كۆز قىلىپ ، مال ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىز بۇزۇق ئەرلەر تۇرغان يەردە بىچارە ئاجىزلار نىمە قىلماقچى.؟ ؟؟ ئۇلار شۇنداق بولغاندىكىن ، ياسىنىمەن ، گىرىم قىلىمەن ، ئىسىل كىيىنىمەن دەيدۇ . ئۇنىڭغا پۇل كېرەكتە ..چۈنكى بىز ئوغۇللار ياسانغاننى ، غىلجىڭلاپ تۇرغاننى ماشىنىمىزغا سېلىپ ئوينىتىپ كېلىدىغان تۇرساق ..قېرىلىقىمىزغا باقماي نەۋرىمىزنى ئالداپ - سىلاپ مېھمانخانىلاردا يۆتىلەپ يۈرسەك گۇناھ زادى كىمدىكەن .؟؟؟؟ تىللىغانغا ئۇلار ئوڭشىلىپ قالامدۇ.؟ بىر ئوبدان ئۆسۈپ يىتىلگەن گۈلنى ئۆزىڭىز سۇندۇرىۋېتىپ ‹‹ئاناڭنى سېسىق گۈل›› دەپ تىللىسىڭىز ئاقامدۇ.؟ ئۇلاپ قۇيۇش بىزنىڭ قېنىمىزدا يوق ... نەگىلا بارسا پۇلىنى داملاپ ، ھىجىيىپ بىر يەرلىرىنى غىدىقلاپ قېرىلار بۇ يەردە يۈرسە ئەلۋەتتە بىزدىن نەپرەتلەنگەنلىرى باردۇ ؟؟؟..شۇڭا ئوغۇللار كۆزىگە يالماۋۇزدەك كۆرىنىدىغاندۇ؟؟؟... 
  شىر چېغىدا ئۇ بىر ھايۋان ئۆز دائىرىسىدىكىنى جان - جەھلى بىلەن قوغدايدۇ ، قارشى تەرەپنىڭ بىرەر يات ھايۋاننى كۆرگەن ھامان ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىدۇ .. چىشى شىرلارنىڭ ھاياتىغا ، نۇمۇسىغا كېپىللىك قىلىدۇ ، ئۇ بىر ھايۋان ....... بىزچۇ؟؟ بىز قوغدىيالىدىقمۇ ؟ ھەممە ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئاغزىدا كۆيدۈم-پىشتىمدىن باشقا گەپ يوق ..بىز ئۆز ۋاقتىدا گۈلدەك ئېچىلغان سۈيۈملۈك ، پاك قىزلىرىمىزنى قەدىرلىيەلىدۇقمۇ ؟ چىن يۈرىكىمىزدىن سۆيەلىدۇقمۇ ؟ ياق....پۇرسەت بولسىلا ھۇجۇمنى قولدىن بىرىپ قويمىدۇق . ئۈگۈتۈپ قۇيۇپ يېرىم يولدا كوچىغا تاشلاپ قويدۇق .. ئەمدى تېگەي دىسە ئىپپىتى بۇزۇلغان ...بالىسى بارغا يا تەككۈسى كەلمەيدۇ ..ئەمما سىز خاتىرجەم ھىچ ئىش بولمىغاندەك يەنە بىر غۇنچىنىڭ قېشىدا ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرىسىز ..چۈنكى سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى مۇنداقلا بىلگىلى بولمايدۇ،. پۇلى يوق يىگىتلەر پۇلى بار خېنىملارغا ئامراق ، شۇڭا ئۇلار مەيلى ئىچكىرىلىك بولسۇن ، مەيلى چەتئەللىك بولسۇن ، پوش دىمەي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكتى،..جىنسىيەت دىگەن ئۇمۇ ئاققا ئوخشاش خۇمالىق .. ئۇ مەزلۇم شۇنىڭغا خۇمار بولغان . ئاتىلاردىمۇ گۇناھ بار ، چۈنكى ئۇ بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى . ئۆينىڭ تۈرۈكى دىگەن گەپ ھەممىگە گىپى ئۆتىدۇ دىگەن گەپ . ئۇنداقتا قىزىڭىزغا ئۆتكىدەك تەربىيە قىلالمىغان سىز ئاتا بولغۇچى بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتتىكى شۇنداق ياش بۇلۇشى مومكىن ، بولمىسا چۇقۇم توسايدۇ ، كەچ تالاغا چىقارمايدۇ ، ياغلىق چەككۈزىدۇ.. ياخشى ئىشلاردىن نېرى قىلمايدۇ . مەن بۇلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن .. لىكىىن بەزى ئاتىلار بار ، قىزى بىلەن كارى يوق ، نىمە كىيىپ نەدە يۈرىشى بىلەن كارى يوق ..ئانىنىڭ ئەسلا كارى يوق . چۈنكى دادا بولغۇچى ئۆزىنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان يەردە ئايال كىشى نىمە بولماقچى..؟؟؟ 
  ئەرلەر بىر خوتۇننى جۆندەپ خوتۇن قىلالماي ‹‹باشقۇرالمىدىم ، يولدىن چىقىپ كەتتى›› دىمەكلىك بىلەن ئاجىرىشىپ كىتىۋاتسا ، بالىسى بىلەنمۇ كارى بولمىسا ، خوتۇننى باشقۇرالمىغان ئۇ بىچارە ئەرلىرىمىز قىزلىرىمىزنى باشقۇرالامدۇ..؟؟؟؟ دادىسىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن قىزى ئولتۇرغان سورۇنغا كىرىپ قىزى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشى شۇ ناتىۋانلارغا بۇ دۇنيانىڭ نىمىلىكىنى مۇشۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ... دادا قىلغان يەردە بالا نىمە قىلمايدۇ..... داڭلىق كىنو چولپانلىرىمۇ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۇلدار بايۋەتچىلەرنىڭ قوينىدا ئۆزىنىڭ ئىپىپتىنى خازان قىلىدىكەن ...شۇ پۇل خەجلەيدىغان بايۋەتچىلەر ئەردۇ.؟؟؟ يا ئايالمۇ..؟؟ ئۇنداقتا گۇناھ كىمدە؟ ؟؟؟؟ ئۇنداق بولمىغاندىن كىيىن بىز ئۇلارنى قارغۇلارچە تاغدىن - باغدىن تىللىماي ، چىن كۆڭلىمىزدىن شۇلاردىن كەچۈرۈم سورايلى ، ئۇلارنى قەدىرلەيلى ..ئۇلار چىن كۆڭلىمىزدىن سۈيۈلۈشكە ھەقلىق ...ھەي..ئەر كىشى خوتۇن كىشىنى تىللىسا،،،ئاجىزنى كۈچلۈك تىللىسا بىزگە نە نۇمۇس ...!!! خوتۇن كىشى بىزنى تىللىسا يارىشىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە نىمە كۈچى يېتىدۇ.. قىلىدىغاننى قىلىپ ئەمدى بىز ئۇلارنى تىللاپ يۈرسەك...ھازىرقى ئەرلەر خوتۇننىڭ تىگىدە قاپتۇ ئەمىسە...........ئادىل مىجىتمۇ ئويناپ چىقتىغۇ ئەنە چىدىماي ....بولمىسا شۇنىڭغىمۇ ئابرويمۇ ‹‹ئىتوت ئوينىدىم ›› دەپ خوتۇن كىشىدەك بۇلىۋېلىش.....ئۇنىڭمۇ ئەل - ئاغىينىلىرى بار ، چۈنكى ئايالى بار ، چۈنكى ... مەن بىر ئەر بۇلۇش ، يىگىت بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا شۇنداق دەيكى : سىلەرنى سۆيىدىغان ، چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ، شالتاقلار پەقەت ساناقلىقلا . شۇڭا ئۈزەڭلارنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاڭلار ، ئاسراڭلار ، سىلەر قانچە تۆۋەن يۈزلۈك ، نۇمۇسچان بولغانسىرى بىز شۇنچە سىلەرگە ھۆرمەت قىلىمىز ، كونا بولسىمۇ كىيمىڭلارنىڭ پۈتۈن بولغىنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېلىپ بارىدۇ . ياغلىق چىگكەن باشنىڭ قەدرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كىشىگە نىسىپ قىلىدۇ ، يالاڭ يۈرگەن بىر قىز كوچىدا ماڭسا ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنى ‹‹بىر قېتىم قۇيىۋالسام ›› دىگەن ئۈمۈتكە ئەكىلىشتىن باشقا بولمايدۇ،. ئەمما ئەسلى سىز ئىسىل قىز ، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ .. گۈزەللىك قەلىبتە بولغانسىرى ئۇ كونا كىيىمنىڭ تېشىغا تىپىپ ئادەمنى لال قىلىپ تۇرىدۇ . گۈزەللىك تېشىدا بولسا ، ئۇ قانچە قېنىق بولغانسىرى پاھىشۋازلارنى ھىجايىتقان بىلەن ياخشىلارنى بىزار قىلىدۇ . <<خەيىر 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز