تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇخۇم شاكىلىنىڭ شىپالىق رولى

 

تۇخۇم شاكىلىنىڭ  شىپالىق رولى

 تېرىنى سىلىق قىلىدۇ
تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى بىر قەۋەت تۇخۇم ئېقىنى چىقىرىپ، بىر قوشۇق سۈت پاراشوكى ۋە بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، يۈزگە تەكشى سۈرۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرغاندا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
 بالىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسەللىكىنى داۋالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىدا %90تىن كۆپ كالتىسىي كاربونات ۋە ئاز مىقداردا ناترىي كاربونات، ھىدروفوسفات قاتارلىقلار ماددىلار بار. شۇڭا تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ تالقانلاپ، بالىغا ئىچۈرگەندە بالىدىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسلىگە شىپا بولىدۇ.
 ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ
تۇخۇم شاكلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلاپ، بوش ئوتتا سارغايغۇچە (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قۇرۇغاندىن كېيىن تالقانلاپ، ھەر كۈنى ئىككى، ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغىغا، ئاشقازان ئاغىرىقىغا، مەيدە ئېچىشىشقا شىپا قىلىدۇ.

 ياللۇغىنى يوقىتىپ، ئاغرىق توختىتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ، تالقانلاپ يارىلانغان جايغا سەپكەندە، يارىلانغان جاي ياللۇغلىنىپ، قالماي تېز ساقىيىدۇ.
 كۆيۈكنى ساقايتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى نېپىز پەردىنى چىقىرىۋېلىپ، كۆيگەن جايغا چاپلاپ قويغاندا، كۆيگەن جاي 10 كۈن ئەتراپىدا ساقىيىپ كېتىدۇ، چاپلانغان ھامان ئاغرىقىمۇ توختايدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز