ساياھەت ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىش، بىراق ساياھەتكە بەدەن ئازراق ساقسىز بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا كەيپىڭىز ئۇچىدۇ. شۇڭا ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەچچە خىل دورىنى ئېلىۋالىمىز، تۆۋەندىكىلەرنىڭ قايسىسى سىز ساياھەتتە ئېلىۋالىدىغان ئەڭ ياخشى ھەمرايىڭىز ؟
A باش ئاغرىق دورىسى.
B كۆڭلى ئېلىشىشنى توختىتىش دورىسى.
C ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىرىگە شىپالىق دورا.
D جاراھەتكە سۈرىدىغان مەلھەم دورا.
پىسخىكىلىق سىناقنىڭ جاۋابى:
A سىز ئىشلاردا ئىنتايىن ئېھتىياتچان، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئەھۋالنى بىرەر قۇر چۈشەنگۈچە ساقلايسىز، شۇڭا سىز كىشىلەرگە دەسلەپتە ئىچ مىجەزدەك كۆرۈنىسىز. سىز باشقىلارنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولىسىز.
B كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا چىرايىڭىز دەرھال ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىرەرسى سىزنىڭ بۇ مىجەزىڭىزنى چۈشىنىپ، ھەممىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىمىگۈچە ، بۇ كۆڭۈلسىز كەيپىيات داۋاملىشىۋېرىدۇ.
C خۇشال يۈرۈشنى ياخشى كۆرىسىز، سىز بار يەردە كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيدۇ. سىز جىمجىت مۇھىتتا كۆنەلمەيسىز.
D سىز مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش مىجەزدىكىلەر بىلەن بىللە بولغاندا ئىنتايىن ئەركىن ھېس قىلىسىز ھەم كۆپچىلىك بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىسىز.