تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
تۈنۈگۈن پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىر يانفون قاپچۇقى سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان Etsy ناملىق بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغان، ئىگەللىنىشىچە، ئۇنىڭغا 117 گىرام ئالتۇن ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
ئەگەر سىز ئۇنى ئانچە كۆزنى قاماشتۇرالمايدىكەن دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدىكەن. بۇ خىل ئالتۇن قاپچۇقنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسىغا 2.65 كاراتلىق ئالماس سەپلەنگەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 19500 دوللار (خەلق پۇلىغا 121087 يۈەن) ئەتراپىدا بولىدىكەن، قاپچۇققا سەپلەنگەن ئالماسنىڭ رەڭگى ئاق، سېرىق ۋە ئەتىرگۈل رەڭلىك بىر قانچە خىلغا ئايرىلىدىكەن.
بىراق، بۇ خىل قاپچۇقنىڭ يۈزىگە يالىتىلغان ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئاران 14K بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، يانفون قېپى يۇمشاق بولۇپ قالىدىكەن. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى، بۇ يانفون قېپى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ماتىرىيالدىن ياسالغان بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئىكەن. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ يۇقارقى تور بېكەت ئارقىلىق سېتىۋالسا بولىدىكەن، شەكلىدىن قارىغاندا ئۇ پات-ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 6s Plus گىمۇ ماس كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.