تۇرغۇن سىدىق
بايرىمىمىز يېقىنلاشقاندا،
ئىلھام قىزى قىلماقتا شەرەت؛
تۇغما ئاشىق كەسپىم ھەققىدە،
ئەسلىمەمگە قىلىپ چىڭ دەۋەت.
ئالدىراپلا ئالدىم قەلەمنى،
يىرالماستىن ئۇنىڭ گېپىنى.
لېكىن ئاددىي چېلىپلا قويدۇم،
مۇخبىرلىقنىڭ جاپا دېپىنى.
* * *
ئوقۇغىنىم گېئولوگىيە،
ئىشلەپ قالدىم سەھرا بانكىدا.
تەرك ئېتىپ كەچتە ئۇيقۇنى،
خەۋەر، شېئىر يازدىم گاھىدا.
ياراپ قاپتۇ مۇھەررىرلەرگە،
تەكلىپ قىپتۇ مېنى يېزىدىن.
خۇشاللىقتا سوقتى يۈرىكىم،
خەت كەلگەندەك سۆيگەن قىزىمدىن.
بولۇپ قالدىم گېزىتخانىدا،
شۇنىڭدىن بۇيان مۇخبىر – مۇھەررىر.
رىشتە باغلاپ يازارمەنلىككە،
قىر – سەھرانى كەزدىم بىتەخىر.
سۈزۈپ چىقتىم ئۈنچە – مارجانلار،
غەۋۋاس بولۇپ چۈشۈپ دېڭىزغا.
مېھنەت تۆكۈپ ئالدىم ھوسۇلنى،
ئىجاد دېگەن كەڭرى ئېتىزغا.
* * *
ئۆزگە قولغا قاراتقۇزمىدى،
يۈرىكىمدىن سۆيگەن بۇ كەسىپ.
گېزىت بېتى – شەرەپ مۇنبىرى،
شاھلىق تاجى سۇندى مۇناسىپ.
ئون يىل بولدى ئاتمىش يېشىمدا،
ئىشخانامدىن چىقتىم ئارامغا.
تۇز سەپكەنچە يۈرمەكتە قەلەم،
كىچىكىمدە كۆيگەن يارامغا.
كەسىپ ئوتى ئۇلغايدى تېخى،
ئاشقاندىمۇ يەتمىش داۋاننى.
‹‹مۇخبىر›› دېگەن نامىمغا لايىق،
رازى قىلسام دەيمەن ئاۋامنى.