تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟

 تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟

ئاپتورى يى جىيەنمىڭ
فىليەتون

«غەربكە ساياھەت» تىلۋىزىيە تىياتىرىدا تاڭ سىڭ بىر نەچچە قېتىم سۈن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغان« پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىش»دا تاڭ سىڭ ئۈچ قېتىم چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ، مايمۇننى 3 قېتىم قوغلايدۇ.ئاخىرى قىلچىمۇ رەھىم قىلماي سۈن ۋۇكۇڭنى چىمەنتاغقا قايتۇرىۋىتىدۇ.
تاڭ سىڭ نىمە ئۈچۈن چوڭ شاگىرتىغا بۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلىدۇ؟ بۇ پەقەت تاڭ سىڭنىڭ سۈن ۋۇكۇڭنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدەك شۇنداق ئاددىيمۇ؟ئۇنداق ئەمەس! خاتا چۈشىنىپ قىلىش پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ھەم باھانە تېپىش. ئەمەلىيەتتە تاڭ سىڭ ئۇزۇندىن بېرى رەھبەرنى كۆزگە ئىلماي، ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەن سۇن ۋۇكۇڭدىن ئۆچ ئالماقچى.



نوم ئېلىش سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭ يول بويى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. جىن -ئالۋاستىلار بىلەن تۇتۇشۇشماي تۇرۇپ،« پىقىر 500 يىلنىڭ ئالدىدا ئەرشنى مالىمان قىلغان سۈن ئەۋلىيا
ئەزەم بولىمەن» دەپ پو ئاتتى. ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە«72 خىل ئۆزگىرەلەيمەن»، «بىر موللاقتا 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقىمەن» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىدى. بۇ گەپلەر بىر -ئىككى قېتىم بولسىغۇ بوپتۇ دېگۈلۈك. لېكىن ئۇ بۇ ئىشىنى توختاتمىدى. بۇقولىدىن ئىش كەلمەيدىغان رەھبەر بولغۇچى تاڭ سىڭغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ماھارىتىڭ بولسا بوپتۇ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلساڭ بولدى.مەغرىپتىن -مەشرىققىچە ھەممىلا يەردە ئۆزۈڭنى داڭلاپ يۈرۈشنىڭ نە ھاجىتى؟بۇ رەھبەر بىلەن ئابروي تالاشقانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ «تەشكىلسىز»، «قائىدىسىز»،«رەھبەرسىز»ھالدا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىش بىجىرىش ئىستىلى.كىشىنىڭ ئەڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغىنى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى تېپىش ئۈچۈن مىڭىشنىڭ ئالدىدا سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يەرگە چەمبىرەك سىزىپ تاڭ سىڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى. رەھبەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈۋۇكۇڭ تاڭسىڭنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەسلىكىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسخىرە قىلماسلىقى ئۇنى ئوڭايسىلاندۇرماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئۈچ شاگىرت ئىچىدە،باجىي، شاسىڭلارنىڭ ماھارىتى ئۇستازىدىن ئۈستۈن. نىمە ئۈچۈن ئۇلار تاڭ سىڭنىڭ قوغلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشقاندا ئۆزىنى داڭلىمايدۇ. باجىينىڭ قۇلىقى يۇمشاق، شاسىڭ يۇۋاش.باجىي ھەرقانداق ئىشتا تاڭسىڭدىن يوليورۇق سورايدۇ.قانداق ھەل قىلىش رەھبەرنىڭ ئىشى، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارغا قول تىقماسلىق كېرەك. شاسىڭ تېخىمۇ شۇنداق.تاڭ سىڭ نىمە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ.پەقەت سۈن مايمۇنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ،ماھارىتىنى كۆز -كۆز قىلىپ پۈتۈن ئالەمدە چۇقان -سۈرەن سېلىپ يۈرىدۇ. رەھبەر بىلەن ماسلاشمايدۇ.تاڭ سىڭ ئالتۇن بۇددا دىننىي مۇخلىسى تۇرۇپ نىمىشقا سۈن مايمۇنغا بۇنچىلىك ئاچچىقلانمىغۇدەك؟

 

مەنبە : كىروران تورى ؛ ئاپتۇرى : كىروران تورىدىن - dartman

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز