يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
ساداقەتجان ھاجى
يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم،
مەنمۇ ھەم سېغىنىپ تۇرارمەن سېنى.
مۇھەببەت ئالدىدا پۈكۈلگەن تىزىم،
سۆيۈملۈك قولۇڭدا يۆلىگىن مېنى.
يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم
ۋە لېكىن مەندىن بەك يىراقلاپ كەتمە.
ھېچ خاتا چىقمىسۇن مېنىڭ پەرىزىم،
ئېسىڭدىن چىقىرىپ مېنى خار ئەتمە.
يىراقتىن ياد ئېتىپ تۇرغىن ئەزىزىم.
مەيلى مەن غازاڭدەك سارغىيىپ كېتەي.
باھار كەلسە يەنە كۆكلەيدۇ ئىزىم،
شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتەي.