تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مېيىپلار ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەتئەل تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ

مېيىپلار ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەتئەل تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلىشىپ بەلگىلىمە چىقىرىپ، مېيىپلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا باراۋەر پۇرسەت ۋە مۇۋاپىق بولغان قولايلىق مۇلازىمەت تەمىنلىدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان مېيىپلار ئۈچۈن مەخسۇس باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى تۈزۈشى ئىكەن.

«باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (ۋاقىتلىق)» دە ئېنىق قىلىپ، 2015-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھانى ئورۇنلىرى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېيىپلىق ئەھۋالى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان، تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك بىرخىل ياكى بىر قانچە خىل زۆرۈر شارائىت ۋە قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ:

1. ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.

2. چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.

3. ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىنئالا ئېلىپ كىرىلىدۇ.

4. مەخسۇس خىزمەتچى خادىملار (يېتەكچى خادىم، قول ئىشارىتى تەرجىمانى قاتارلىقلار) سەپلەپ بېرىلىدۇ.

5. ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانىدا خەتلىك كۆرسەتمە بەلگىسى، ئالاقىلىشىش تاختىسى قاتارلىقلار ئورنىتىلىدۇ.

6. كۆرۈش ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب يېزىشتا كېرەكلىك بولغان ئەمالار قەلىمى، ئەمالار قوليازما تاختىسى، ئەمالار رەسىم قورالى، رېزىنكە قىستۇرما، ساقلىغۇچ ئىقتىدارى يوق خەت بېسىش ماشىنىسى، ئۈستەل چىرىغى، ئوپتىكىلىق لوپا ئەينەك، مېيىپلار ھاسىسى قاتارلىق ياردەمچى قوراللار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

7. ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى قاتارلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

8. ھەرىكىتى قولايسىز مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاقلىق ھارۋا، ھاسا ئىشلىتىشىگە، ئالاھىدە ئېھتىياجى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ئۈستەل-ئورۇندۇق ئىشلىتىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

9. ئەمالار يېزىقى ئىمتىھان قەغىزى ئىشلىتىدىغان كۆرۈش ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى ئىشلىتىدىغان، مېڭە پارالىچ ياكى باشقا مېيىپلىق سەۋەبىدىن قولى نورمال ئىشلىمەيدىغان ياكى يېزىشقا ئىمكانىيىتى يوق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشكە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن چەتئەل تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

مەنبەسى:مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز