1. گال قۇرۇپ ئاۋاز پۈتۈپ قالغاندا تۇز سۈيى، نەشپۇت-ھەسەل ئارىلاشمىسى، ئاپېلسىن پوستى بىلەن شېكەر دەملەنگەن چاي قاتارلىقلارنى ئىچىپ بېرىش كېرەك.
2. يۇتقۇنچاق يىرىڭداپ ئاغرىغاندا نەشپۈتنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئېغىز، تىلغا جاراھەت چىقىش ۋە يۇتقۇنچاق ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئاچچىقسۇغا تەڭ مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
3. ئېغىز بوشلۇقىغا سۇلۇق قاپارتما چىققاندا زەنجىۋىلنى چايناپ بەرسە سۇلۇق قاپارتما ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، كۆز مەلھىمىنى كالپۇكتىكى ئاغرىغان جايغا سۈركىگەندە، ئاغرىق دەرھال پەسىيىدۇ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا، ئاغرىق پۈتۈنلەي يوقايدۇ.