بىر دوستۇم يېقىندىن بۇيان پەرىشانلا يۈرەتتى، ئەسلىدە يەتتە ياشلىق قىزى نېمىلا قىلمىسۇن گەپ ئاڭلىمايدىغان، كىچىك مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاپىسىغا دېيىشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، ئانا - بالا ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق پەيدا بولۇپ قالغان ئىكەن. تەپسىلىي سوراپ كۆرسەم ، ئەسلىدە بالا سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۇرتىغا ئاپىرىۋېتىلگەن بۇلۇپ، چوڭلارنىڭ قېشىدا چوڭ بولغان، ئاندىن مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە قايتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش « بالىلىرىغا ھەمراھ بولالماسلىق» ئەھۋالى ناھايىتى ئومۇملاشقان بۇلۇپ، يېقىندا بەزى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە،% 85.2 تەكشۈرۈلگۈچى ئەتراپىدىكى ئەۋلاد ئاتلاپ بالا تەربىيلەش ئەھۋالىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى دەپ قارايدىكەن. بەزى ھەمراھ بولالماسلىقنىڭ سەۋەب شۇكى، ياش ئاتا - ئانىلار تېخى «چوڭ بولمىغان» . كىچىك بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ياشلار جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بىر ھەقىقىي مەنىدىكى ئاتا - ئانا بۇلۇشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن 80 - يىللاردىن ۋە 90 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار كۆپ يىللاردىن بۇيان چوڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا، ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن. بەزى ياشلار ئۆي – ئوچاقلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، يەنە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن تاماق يەيدىغان، ھەتتا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، تازىلىق ئىشلىرىدىمۇ پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالغان. بۇنداق ياشلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر تېخى «ئاغزىدىن سۈت پۇرىقى كەتمىگەن بالا» تۇرسا، قانداقسىگە كىچىك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىسۇن؟ بەزى ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھ بولالماسلىقى ئامالسىزلىقتىن بولغان. 2014-يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى يېزىلاردا بېقىلىدىغان بالىلارنىڭ سانى 61 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. شەھەرلىشىش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە يېزىدا كىچىك بالىسى ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان يېزا ياشلىرى شەھەرگە كىرگەن. ئۇلار تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، مۇشۇ ئارقىلىق پەرزەنىتلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. ئەمما نۇرغۇنلىغان شەھەردە تۇرۇشلۇق ئاتا - ئانىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ چەكلىمىلىكى، ياكى تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋە ياكى چوڭلارنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىشىنىڭ قولايسىز بۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئامالسىزلىقتىن بالىنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان. بەزى ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەمراھ بولالماسلىقى بولسا ئۇلاردىكى ئاڭنىڭ كەمچىللىكىدىن بولغان. « مىنىڭ دادام يانفون ئويناشقا بەك ئامراق، تازلىق ئۆيىگە كىرسىمۇ، يانفون ئويناپ ئۇزاققىچە چىقمايدۇ...»، ئالدىنقى مەزگىللەردە بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالىسى توردا غۇلىغۇلا قوزغىدى. بىرقىسىم ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا يىتەرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمراھ بۇلۇش كېرەكمۇ - ئەمەسمۇ دىگەن مەسىلىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇر ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاران دىگەندە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشىنى كۈتىۋالغىنىدا، ئاتا - ئانىلار ئەكسىچە بىر تەرەپتىن يانفون ئوينىغاچ، بىر تەرەپتىن خالار-خالىماس ھالدا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىشى بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئاتالمىش « يۇشۇرۇن ھەمراھ بولالماسلىق » ساينىڭ تېشىدەك ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى. چوڭلارنىڭ نەۋرىلىرىگە قاراپ بېرىشى، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز، ئەگەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىغاندا، چوڭلارغا نىسبەتەنمۇ نەۋرىسىنى كۆرۈش بىر خىل ھاياتنىڭ خوشاللىقى ھىسابلىنىدۇ، ياش ئاتا - ئانىلارغا نىسبەتەنمۇ كەسىپتە تىرىشىدىغان ياخشى پۇرسەت، بالىلارمۇ چوڭلاردىن تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىۋالايدۇ. ئەمما ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىسا، بەلكىم بالا تەربىيلەشتىكى يوشۇرۇن مەسىلىلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بالىنى پۈتۈنلەي چوڭلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ قۇيۇپ، كارى بولمىغاندا، بىر تەرەپتىن چوڭلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقى بىلەن بۇ بالا « كىچىك مۇشتۇمزور » بۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇلۇپمۇ ھەممىدىن مۇھىمى، بالا ئۇزاق مەزگىل ئاتا - ئانىسىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسە، مىجەزى ۋە خارەكتىرىنىڭ يىتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، ھېسىيات جەھەتتىكى كەملىك تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئۆزىن كەمسىتىشى، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش، كىچىك جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، كۆپ تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا مۇھتاج. ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ياش ئاتا - ئانىلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، چوڭلارغا ۋاپادار، كىچىكلەرگە كۈيۈنۈشى لازىم. جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاكتىپ شارائىتلارنى يارىتىپ، ئايال ئەمگەكچىلەرنى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، خىزمەتچىلەرگە زۈرۈر بولغان ئانا - بالىلىق ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىش لازىم. دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەسىلەن، تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش، بالا ئېمىتىش دەم ئېلىشى، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ سىياسەت جەھەتتىكى كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى، شۇنداقلا، بالا تەربىيىلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ھالدا يېڭىچە بالىلار تەربىيىسى، يەسلى مائارىپى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەسلىگە كىرىش، مەكتەپتە ئۇقۇش تەس بۇلۇش ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى قويىۋەتكەندىن كىيىنكى مەسئۇل بۇلۇش، تەتىل مەزگىللىرىدىكى قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سېستىمىلىق ھەل قىلىپ، ياش ئاتا - ئانىلارغا تېخىمۇ ياخشى پەرزەنت تەربىيلەش مۇھىتى يارىتىپ بىرىش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/307382/15555764.html