(تەييارلىغۇچى: ئەركيار)
راشىدىن خوجا ــ راشىدىن خان،سىيىت غازى راشىدىن خان،خان خوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مىلادى1864-يىلى كۇچادىكى ئۇيغۇر،خۇيزۇ پۇقرا-چېرىكلىرى چىڭ سۇلالىسى ئىستىبدات ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە،قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن «خان»لىققا كۆتۈرۈلگەن.غازات قىلىپ قاراشەھەر،تۇرپان،توقسۇن،لۈكچۈن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن.جەنۇپتا ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەنلەرگىچە ئۆزتەسىرىنى كېڭەيتكەن.ئۆز نامىدا پۇل قۇيدۇرغان.ئۇنىڭ يەرلىك ھاكىمىيتى مىلادى1864-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنىدىن1867-يىلى6-ئاينىڭ18-كۈنىگىچە داۋام قىلغان.تۇڭجىنىڭ 3-يىلى ياقۇپبەگ كۇچانى بېسىۋالغاندا ئەسرىگە ئېلىنىپ،ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ تېما داۋاملىق تۇلۇقلىنىدۇ. تۇلۇقلايدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە قوشساڭلار بولىدۇ.