4-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى، شىنجاڭ پىراكتىكانت ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توغرىسىدىكى سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ پىراكتىكانتلىرىنىڭ پىراكتىكا مۇددىتى ئەسلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 يىلدىن تەڭشىلىپ 1 يىلغا ئۆزگەرتىلىدۇ. شۇنداقلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە بەھرىمەن بولىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى ئاساسىدا، پىراكتىكانت ئىشلەتكەن ئورۇن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50 ى بويىچە ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى تارقىتىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2014-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1320 يۈەن بولسا، پىراكتىكانتلار پىراكتىكا مەزگىلىدە ئېرىشىدىغان مائاشى مەزكۇر ئۆلچەمنىڭ يېرىمى بولغان 660 يۈەنگە يەنە تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى ئۈچۈن، پىراكتىكا مەزگىلىدە پىراكتىكانتلار بىلەن 2 يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان شۇنداقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇپ بەرگەن كارخانىلارغا، ئېشىپ قالغان ۋاقىتتىكى پىراكتىكا تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.