تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا، كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىسە بولامدۇ؟

  بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، دائىم بالىسىغا يۇڭ پوپايكا، پاختىلىق جىلىتكە قاتارلىقلارنى كىيگۈزۈپ ئۇخلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپلا قالماي يەنە بوۋاققا زىيانلىق.

    ئادەتتە ئادەم ئۇخلىغاندا مۇسكۇلنىڭ بوشىشى ئەڭ روشەن بولىدۇ. ئالدى بىلەن كۆز ۋە يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى بىلەن كۆز يۇمۇلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇت-قول، گەۋدە مۇسكۇللىرى تەبىئىي ھالدا بوشاشقا باشلايدۇ. قانچە ئۇيقۇغا كەتكەنسېرى پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ.

    ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بوۋاققا كىيىمنى بەك قېلىن كىيگۈزىۋەتكەندە، بالىنىڭ گەۋدىسىنى ئورىۋالىدۇ-دە، قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ، نەپەس ئېلىشى راۋان بولمايدۇ، يەنە ئاسان چۈش كۆرىدۇ، ئويغانغاندا بولسا ئىچى سىقىلىش ھېس قىلىدۇ. بۇ خۇددى چوڭلار ئۇخلىغاندا ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇۋالغاندا يۈرەكنى، ئۆپكىنى، قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىش بىلەن قارا بېسىش، نەپەس توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىش، يەنە ۋارقىراپ جۆيلۈش، ئويغانغاندا بولسا قارا تەرگە چۆمۈش، ئىچى سىقىلىش، قورقۇش ئالامەتلىرى بولغانغا ئوخشايدۇ.

    ئەگەر كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىگەندە، بالا ناھايىتى ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن بۇرۇن ئامال بار نېپىزراق كىيىم كىيدۈرۈپ ئۇخلىتىش لازىم. ئادەتتە بىر تال ئىچ مايكا بىلەن بىر تال كالتە ئىشتان، شارائىتى يار بەرسە ئۇخلاش كىيىمى كىيگۈزۈپ ئۇخلىتىش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/03/content_476701.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز