تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(49)
بايلىق يوشۇرۇلغان جاي
بىر سودا پاراخوتى بىپايان ھىندى ئوكياندا كېتىپ باراتتى، كاپىتان ۋات دۇربۇن بىلەن كۆزەتمەكتە، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ جاي قاراقچىلار ھەرىكەت قىلغان جاي ئىدى، شۇڭا ھوشيارلىقنى ئالاھىدە ئۆستۈردى.
ئالدى تەرەپتىن بىر پاراخوت چىقىپ كەلدى، ۋات دۇربۇننى تەڭشەپ قارىغانىدى، «تاغ ئانا» بەلگىلىك پاراخوت ئىكەن، ئۇنىڭغا ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا ئالدىغا قاراپ كېتىپ باراتتى. «تاغ ئانا» تۇيۇقسىز ۋاتنىڭ پاراخوتىغا ئوت ئاچتى، ۋات دەرھال ماتروسلارغا قايتۇرما زەربە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتقان زەمبىرەك ئوقلىرى قارشى تەرەپنىڭ پاراخوتى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئانچە يىراق بولمىغان كىچىك ئارال ئۈستىگە چۈشتى.
«تاغ ئانا» بەلگىلىك پاراخۇتنىڭ كاپىتانى ماتا:« ۋۇ دۆتلەر، بوۋاڭلار سىلەرگە زەمبىرەكنى قانداق ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويسۇن، ئاغىنىلەر قاتتىق ئېتىڭلار، لېكىن پاراخوت چۆكۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭدىكى ئالتۇنلارنى بىز تېخى قولىمىزغا ئالمىدۇق» دەپ ۋارقىرايتتى.
ۋاتنىڭ سودا پاراخوتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، ئوقلىرىنىمۇ ئېتىپ بولدى لېكىن بىرەر پاي ئوقمۇ قارشى تەرەپنىڭ پاراخوتىغا تەگمىدى، نەتىجىدە بۇلار پۈتۈنلەي ماتانىڭ ئەسىرى بولۇپ قالدى، ماتا چېرىكلىرىنى باشلاپ سودا پاراخوتىغا چىقىپ پاراخوتنى ئاختۇرۇپ تاۋار-دۇردۇن، پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە قەنت شېكەرنىلا تاپتى، ماتروسلارنىڭ ئىشتانلىرىنى تارتىپ سالدۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئالتۇن كۈمۈشلىرىنى تاپالمىدىش شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كاپىتان ۋات بىلەن داف قاتارلىق بىر نەچچە ئادەمنى ئېسىپ قويۇپ قاتتىق ئۇرۇپ بايلىقلارنى نەگە يوشۇرغانلىقىنى ئېيتىشقا قىستىدى.
ۋات قاتارلىقلارنىڭ بەدىنى تاياق زەربىسىدە تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، پاراخوتقا ئالتۇن كۈمۈش قاچىلانمىغان دېدى.
ماتا ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ پاراخوتقا ئوت قويۇۋەتتى، ۋات قاتارلىقلار سۇغا سەكرەپ ھېلىقى ئارالغا قاراپ ئۈزدى، ماتا دۇربۇن بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، لېكىن تۇيۇقسىزلا كۈلكىسىنى توختىتىپ، «ئاغىنىلەر بىز ئالدىنىپتۇق، تېز قوغلايلى» دەپ ۋارقىرىدى.
نەتىجىدە، ئۇلار كىچىك ئارالغا چىقىپ ۋات قاتارلىقلارنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى.
دېڭىز قاراقچىلىرى بايلىقلارنىڭ بۇ ئارالغا يوشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى قانداق بىلدى؟
رازۋېتكا ھېكايىلىرى(48)نىڭ جاۋابى:
ئۇ ئايال قايتا-قايتا كارنى تونۇمايمەن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تولۇق ئىسمىنىڭ «كار.ماشۇس» ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، روشەنكى، بۇ ئايال كارنى تونۇپلا قالماي يەنە....