تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خانىملارغا سۆز

 

 

ئەتىگەندە يولدىشىڭىز سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، سىز ھەرگىز «سائەت قانچىدە قايتىپ كېلىسىز! ئەگەر بالدۇر قايتىپ كەلمىسىڭىز مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىز!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ. !

  سىز تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ياكى باشقا بىرەر ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭىزدا يولدىشىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەن بولسا، سىز «ۋۇي ئەجەب بالدۇر قايتىپ كەپسىزغۇ؟» دەپ سورىماڭ. بولمىسا يولدىشىڭىز نېمە قىلىشىنى بىلمەي:« كەچ قايتسام خاپا بولسىڭىز، بالدۇر كەلسەم يەنە خۇش بولمىسىڭىز، قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن.

    يېڭى كىيىم كىيگىنىڭىزدە ياكى چېچىڭىزنى ياساتقىنىڭىزدا، يولدىشىڭىز«بۈگۈن ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ قاپسىز...» دېگەندە، ھەرگىز خاپا بولۇپ «بۇ گېپىڭىزگە قارىغاندا مەن ئادەتتە سىزگە ناھايىتى سەت كۆرۈنۈپتىكەنمەندە؟» دېمەڭ. بۇنداق دېسىڭىز يولدىشىڭىز ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ.

    مەيلى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسۇن، ئەمەلدار ياكى بىلىملىك، كاتتا ئابرويلۇق بولسۇن، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يولدىشىڭىزغا ھەيۋە قىلماڭ.

    يولدىشىڭىز بىلەن كىچىك ئىشلار توغرىلىق تەگىشىپ قالغاندىمۇ«مەن ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېتىمەن» دېمەڭ، ھە دېسىلا بۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ يولدىشىڭىزنى قىستىماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.

    باشقىلارنىڭ يولدىشىنىڭ ئەمىلى ئۆسكەنلىكىنى ئاڭلاپلا يولدىشىڭىزنى ئەيىبلەپ«باشقىلارغا قاراڭ، ئەمىلى ئۆسۈپتۇ، سىزنىڭچۇ؟ يا ئەمىلىڭىز ئۆسمىدى، يا پۇل تېپىشنى قاملاشتۇرالمايسىز» دېگەنەە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلماڭ. يولدىشىڭىز سىزنىڭ بۇنداق كەمسىتىشىڭىزگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

    ئەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بېرىش-كېلىش ئىشلىرى بولىدۇ. بەزىدە خىزمەتداشلىرى ياكى دوستلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قېلىپ، ئۆيگە كەچرەك قايتىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يولدىشىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشىگە قارىماستىن، نەگە بارغانلىقىنى ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەڭ. 

    يولدىشىڭىز سىزگە يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ كەلگەندە، سىزگە ئۇ كىيىم ياقمىغان تەقدىردىمۇ«كۆزى مال تونۇمايدىغان، بۇنداق كىيىمنى قانداق كىيىپ سىرتقا چىقىمەن؟» دېمەڭ. ئۇنداق دېسىڭىز يولدىشىڭىزنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويغان بولىسىز.

    سىز داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسىڭىزمۇ، دائىم بۇنى پەش قىلىپ ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ، بولۇپمۇ بالىنىڭ ھەممە يېتەرسىزلىكىنى يولدىشىڭىزغا ئارتىپ قويۇپ:«بۇ بالا دادىسىنى دورىغان، كاللىسى ئىشلىمەيدۇ!» دېمەڭ، بۇنداق دېيىش ناھەق بولىدۇ. 

    خانىملار بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىغان بولسا، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.(تامام)

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز