تەقدىر
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئاجىزلار، ھورۇنلار، رىقابەت ئېڭى يوقلار بولسا ئۆز تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ھەممە پۇرسەتتىن قۇرۇق قېلىپ، پۇشايمان پاتقىقىغا پېتىپ، ئۆزىنى كېرەكسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
تەقدىر ھەممە كىشىگە كەڭ ئېتىكىنى ئېچىپ تۇرغان تەبىئەتكە ئوخشايدۇ، ئۇنى قانداق ئاسراش، قوغداش، قانداق پايدىلىنىش، قانداق ھۇزۇرلىنىش ھەربىر ئادەمنىڭ ئەقلى-كامالىتى جاسارەت-ئىرادىسى، ئەخلاق-ئىدىيىسى، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىن، خىرىس كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاجىز، يېتىم-يېسىر، قېرى، كېسەلچانلار ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى جەمئىيەتكە ئاتا قىلىۋاتقان، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇرىسىز، كۆرۈپ تۇرىسىز. بۇلار ھەرگىزمۇ تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۆلۈمنى كۈتكەنلەر ئەمەس، بەلكى تەقدىر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، تەقدىرنى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلار.
ئەپسۇس.... جەمىيىتىمىزدە بىرقىسىم كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىق تۈپەيلى بەل قويۇۋېتىپ، ئەركەكلىك غۇرۇرىنى، ۋىجدانىنى يوقىتىپ، ھەممە ئەزالىرى تەل، كۈچتۈڭگۈر تۇرۇپمۇ بىچارە ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋېلىپ، ئۇلارنى قاقشىتىپ، كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ، ئۆز تېنىنى زورمۇ-زور ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ، جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ سېسىق داشقاللىرىغا ئايلانماقتا.
قىزلىق ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىپ، ئۆز تەقدىرىدىن زارلىنىپ، ھايا نومۇسنى قايرىپ قويۇپ، يولدىن چىقىپ كەتكەنلەرنى تەقدىر ئۆز قامچىسى بىلەن ئۇرۇۋېتىدۇ، خالاس.
كونىلاردىكى «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دېگەن گەپ تەقدىرگە بېرىلگەن ئەڭ ئەقەللىي تەلىمدۇر.