30 ياشلىق ئاياللار نىمىلەرنى قىلىش كېرەك
1. كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش . چۈنكى ئاياللارنىڭ 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ تاللاپ ، كەسىپ ئالماشتۇرىشى قىيىن بولىدۇ .
2. ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش . مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ ، يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرالىغۇدەك بىر ئىللىق ماكان بولۇشى كېرەك .
3. تېرىنى ياخشى ئاسراش كېرەك . يىللار ئادەمگە باقمايدۇ . ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ بالدۇر باشلاش كېرەك .
4. ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش كېرەك . ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئېگىلەش 30 ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم .
5. ئۆزىگە خاس خاراكتىر يېتىلدۈرۈش . باشقىلارنى دورىماي ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن ئىش قىلىش كېرەك .
7. تەنھا ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش كېرەك . ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋاقىتتتىن بەھىرىلىنش ، كۆپ پىكىر قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىش .
8. ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈنۈنۈش . ئاتا - ئانىلار بارغانسىرى قېرىيدۇ .30 ياشقا كىرگەن ئاياللار ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن سىرت ، ئاتا - ئانىسىغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى ھەم ئۇلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك .
9. نىشىان بەلگىلەش ھەمدە نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك .
10. بىر خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش . 30 ياش ئانچە چوڭ ھىسابلانمايدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق .
11. بىلىم ئاشۇرۇش . 30 ياشتىن بۇرۇن ئادەمنىىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوقىرى بولىدۇ . شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك .
12. ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئېگىلەڭ . ئەگەر جورىڭىز بولسا مەززىلىك تاماقلار بىلەن ئۇنىڭ سىزگە بولغان غەمخۇرلىقىنى قايتۇرۇڭ . ناۋادا يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تاماقلىنىپ ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .
13. چاچ پاسونى بىلەن گىرىم قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك .30 ياشتىن ئىلگىرى چېچىڭىزنى قانداق پاسۇندا ياساتسىڭىز بولىدۇ . ئەمما يېشىڭىز چوڭايغاندا ئويلىنىپ ئىش قىلمىسىڭىز كۈلكىگە قالىسىز .
14. بانكىدا مۇقىم مەبلىغىڭىز بولۇشى كېرەك . ئېگىلىك تىكلەش ، توي قىلىش ، جىددىي ئىشى چىقىپ قالغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇقىم مەبلەغ بولۇشى كېرەك .
15. بىر پارچە گىرىمسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش . ياش چوڭايغانسىرى ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ ، ئخىتىيارسىزلا گىرىمنى قېنىق قىلىۋالىدۇ .بەدەن زىلۋا ، قىگۇرا چىرىيلىق ۋاقىتتا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قويۇش ناھايىتى مۇھىم . بەللەر يوغىناپ ، تېرىلەر بوشاپ كەتكەندە كېچىككەن بولىسىز.
16. مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش . ئائىلىنىڭ ئۆزى بىر كىچىك شېركەت ، چىقىم بىلەن كىرىم ئوتتۇرىسىدىكى نىشبەتنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋىلىڭ .
17. ئاغزىغا پۇختا بولۇش . 30 ياشتىن كېيىن ئاياللار نىڭ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرى كۆپىيىدۇ . بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ . چۈنكى ئەرلەر كوت - كوت ئاياللاردىن بىزار .
18. ساۋاقداش ۋە دوسىتلار ئارا يىغىلىشلارغا كۆپرەك قاتنىشىڭ . 30 ياشتىن ئىلگىرى ئائىلە تېخى مۇستەھكەم يىلتىز تارتمىغان بولىدۇ . بۇ چاغدا دوسىتلۇق ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش كېرەك .
19. ھەم ئەسلىمىنى ئۇنۇتماسلىق ھەم زامانغا ماسلىشىپ تۇرۇش كېرەك . ئەنئەنىۋى پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك .
20. ئۆزىدە بىر خىل ھەۋەس يېتىلدۈرۈش كېرەك . بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ ، بىر خىل ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى ئاسان . بۇنىڭ بىلەن ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ .
21. بالا تەربىيلەش بىلىملىرىدىن ساۋادى بولۇش . بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا كىتاب ۋاراقلىسىڭىز كېچىككەن بولىسىز .