ئۈرۈمچىدە قارا تاكسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بىركۈنى بىر قىز ناھايىتى ئالدىراش ھالدا بىر قارا تاكسىغا ئولتۇرۇپتۇ، قارا تاكسى شوپۇرى قىزغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن قىزغا: ھازىر قارا تاكسىلارنى بەك قاتتىق تەكشۈرۋاتىدۇ، ناۋادا يولدا تەكشۈرۈپ قالسا مىنى دوستۇم دەپ قويسىڭىز؛ دەپتۇ. قىز شوپۇرغا: چاتاق يوق، مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز دەيمەن؛ دەپتۇ.
ئۇزاق ماڭمايلا تەكشۈرۈش خادىملىرى ماشىننى توسۇپتۇ، شوپۇر ئاخساغىنا ئۇلارغا: بۇ مىنىڭ خوتۇنۇم دەپ تۇرشىغا، ھىلىقى قىز شوپۇرغا قاراپ: ئىرىم مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي، بايا ئۆيدىن چىققۇچە پۇل ئىلىۋالماپتىمەن، ماڭا 200 يۈەن بىرىڭ، مەن ئالدىدىكى بازاردىن ئازراق نەرسە كىرەك سىتىۋىلىپ ئۆيگە ئۆزۈم كىتىۋىرەي؛ دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شوپۇر داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قاپتۇدە ئامالسىز قىزغا 200يۈەننى بىرىپ يىغلاپ تۇرۇپ: خوتۇن ئۆيگە بالدۇرراق قايتقىن … دىگۈدەك..
مۇئەللىم:ساھىرە،رەسىم سىزىش تاپشۇرقىدا نىمەسىزىپ كەلدىڭىز؟ ساھىرە:چۆچۈرە سىزدىم مۇئەللىم ..مۇئەللىم:ھەي گۇي،ئالدىنقى قېتىملىق تاپشۇرۇقتىمۇ چۆچۈرە سىزغانتىڭ،نىمە ئوخشاش سىزىۋىرىسەن؟ ساھىرە:بۇ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ مۇئەللم. مۇئەللىم:نەرى ئوخشىمايدۇ؟ ساھىرە:قىيمىسى ئوخشىمايدۇ.. مۇئەللىم:چىقە سىنىپتىن.
قىز يىگىتتىن سوراپتۇ: سىزنىڭ يىللىق كىرمىڭىز قانچەپۇل؟ يىگىت: سەككىزيۈز مىليون، ! قىز ھەيران بۇلۇپ سوراپتۇ: ئۇنداقتا بىر ئايلىق مۇئاشىڭىز سەككىزيۈز مىڭ يۈۋەن مۇ؟ يىگىت :قوشۇمچە مۇكاپاتلىرنى ھىساپ قىمغاندا شۇنداق! قىز سىلىق سىپايىلىق بىلەن سوراپتۇ:سىز نىمىش قىلسىز يىگىت:چۈش كۆرمەن..
ئەسلى بايرام مۇنداق ئايرىلدۇ-جوما!
لايىقنى توغرا تاللاپ تەگسىڭىز كۈندە ئاشىق -مەشۇقلاربايرىمى خاتا تاللاپ قالسىڭىز كۈندە قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى ئالدامچىغا تەگسىڭىز كۈندە ئالداش بايرىمى ھورۇنغا تەگسىڭىز كۈندە ئەمگەكچىلەر بايرىمى .
بالا مىجەزلەرگە تەگسىڭىز كۈندە بالىلار بايرىمى
پىرىنسىپچان ئەرلەرگە تەگسىڭىز كۈندە دۆلەت بايرىمى دەپ ئويلاپ قالدىم ---ئۆزەمچە