تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاماكىنىڭ جىنسىي ساغلاملىققا بولغان تەسىرى

تاماكىنىڭ جىنسىي ساغلاملىققا بولغان تەسىرى

  چەت ئەل تېببى ساھەدىكى تەتقىقات ماتېرياللىرىغا ئاساسلانغاندا زەكەر قايىم بولمايدىغان كېسەللەرنىڭ تاماكا چېكىش نېسبىتى ئادەتتىكى تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەردىن ئىككى ھەسسە كۆپ. ئىنسانلار تاماكا چېكىشنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، بىراق زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا  بولغان تەسىرى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئىنتايىن ئاز.

  بېيجىڭ تىببى ئۇنۋېرسىتېتى سۈيدۈك چىقىرىش، جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى قايىم بولماسلىق كېسەل سەۋەبىدىن 2 يىلغىچە كېسەلخانىدا ياتقان كېسەللەر ئىچىدىكى تاماكا چىكىدىغانلاردىن 187 نەپەرنى بىر گورۇپپا قىلىپ، شۇ بۆلۈمدە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ياتقان، جىنسىي قابىلىيتى نۇرمال بولغان، تاماكا چېكىدىغان ئوخشاش ساندىكى كېسەللەرنى سېلىشتۇرما گورۇپپىسى قىلىپ سېلىشتۇرۇپ چىققان. بۇ كېسەللەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتتىن بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى ئاساسەن ئوخشاش، ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلىرىدىمۇ پەرق يوق بولغان. سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، قايىم بولمايدىغان گورۇپپىدىكى كېسەللەرنىڭ سېلىشتۇرما گورۇپپىسىدىكىلەرگە قارىغاندا تاماكا چېكىش مىقدارى كۆپ، تاماكا چېكىشنى كىچىكىدىنلا باشلىغانلىقى، تاماكا چېكىش ۋاقتىنىڭمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىتاتىستىكىلىق ماتېرياللار ئىلان قىلىنغان. بۇ ماتېرياللار تاماكا چېكىشنىڭ قايىم بولماسلىق كېسەللىكىنىڭ بىر خىل ئامىلى بولۇش ئىھتىماللىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

  گەرچە تاماكا چېكىشنىڭ قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ھەقىقى سەۋەب تېخىچە تولۇق ئىلان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئىلان قىلىنغان تەتقىقات ماتېرياللىرىغا ئاساسلانغاندا، تاماكا چېكىشنىڭ قايىم بولماسلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئامىلغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

 1. تاماكىدىكى نىكوتىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ سىمپاتىك نېرۋا تۈگۈنلىرىنى بىۋاستە غىدىقلاپ، بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك قىسمىنىڭ ئادرېننالىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە ئادرېنالىن زەكەرنى قايىم قىلىدىغان كىچىك ئارتېرىيلەرنى تارايتىپ، قاننىڭ ئېقىپ كىرىش مىقدارىنى ئازايتىۋەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.

 2. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چىكىش نەتىجىسىدە ئارتېريە دىۋارلىرىنىڭ قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۈپەيلىدىن زەكەر قىزىل تومۇرلىرىدىكى قان ئېقىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئازلىتىۋەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. تاماكا ھازىرغىچە جەمئىيەتتە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى.

  1919-يىلىدىلا بەزى ئالىملار زەكەر قايىم  بولماسلىقنى داۋالاشتىكى ئەڭ مۇھىم چارە- تاماكا چېكىشنى توختىتىش دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لىكىن بۇنىڭغا ئىتبارسىز قارىلىپ كەلگەن ئىدى. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تاماكا چېكىشنىڭ زەكەر قايىم بولماسلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ دېققەت-ئىتىبارىنى قايتا قوزغاشقا باشلىدى.

 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز