تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئاسانلاشتى

كورېيە ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئۆلچەم تۆۋەنلىدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كورېيەگە ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىنىڭ كورېيە ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقى، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان بىر قاتار ۋىزا ئىلتىماسىنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ جۇڭگولۇق كوللېكتىپ ساياھەت قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىكەن. بۇندىن بۇرۇن پەقەت پىروفېسسور دەرىجىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرلا بۇ خىل ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولۇپ، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ كورېيە كونسۇلىغا بېرىشى ھاجەتسىز ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىش ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 1 يىل ۋە 3 يىلدىن 5 يىلغا ئۇزارتىدىكەن، ئەسلىدىكى  17 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ياش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپىگە قويۇلىدىغان ئۆلچەم جەھەتتە، ئەسلىدىكى «211 قۇرۇلۇشى» غا تەۋە مەكتەپلەردىن بارلىق 4 يىللىق تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىگە كېڭەيتىدىكەن.   

ئەسلى مەنبەسى: خەلق تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز