تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (29)-ساختا ۋەسىيەتنامە

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (29)

ساختا ۋەسىيەتنامە

شىيۈەن ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن مال-مۈلۈك مىراس قالدى، ئۇنىڭ قىزى قانۇنلۇق مىراسخور ئىدى، لېكىن شىيۈەننىڭ ئىنىسى «ئاكام جان ئۈزۈش ئالدىدا مۈلكۈمنىڭ %50 گە ئىنىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ ۋەسىيەتنامە يېزىپ بەرگەن» دەپ بىر ۋەسىيەتنامىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

شىيۈەننىڭ قىزىدا ۋەسىيەتنامە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مىراس دەۋاسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

شىيۈەننىڭ ئىنىسىنىڭ قولىدىكى ۋەسىيەتنامە ئۈچ ۋاراق بولۇپ، خەتلەر ناھايىتى رەتسىز بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولاتتى: «ھايات ۋاقتىمدا ئىنىم دومىڭ ماڭا ياخشى قارىدىڭىز، ئەجرىڭىزگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن مال-مۈلكىنىڭ يېرىمىنى سىزگە ھەدىيە قىلدىم،ئەگەر ئوغلۇم ياكى قىزىم بۇنىڭغا قارشى چىقسا، مانا بۇ ئاساس بولىدۇ». 

بىر بىرىنى قايىل قىلالمىغان ئىككى تەرەپ بىر رازۋېتچىكنى، تاپتى رازۋىتچىك ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن·« ۋەسىيەتنامىدىكى خەت دادىڭىزنىڭ يازمىسىمۇ؟» دەپ سورىدى، شىيۈەننىڭ قىزىدىن. 

«دادام قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى، تاغامنىڭ دېيىشىچە، دادام بۇ ۋەسىيەتنامىنى كارىۋاتتا ئوڭدا يېتىپ تۇرۇپ ماي قەلەم بىلەن يازغانىكەن، شۇڭا خەتلەر ئۆمۈچۈك پۇتىدەك مايماق-سايماق بولۇپ، دادامنىڭ خېتىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭ راست يالغانلىقىمۇ بىر نېمە دېمەك قىيىن» دېدى ئۇنىڭ قىزى. 

رازۋېدچىك شىيۈەننىڭ ئىنىسىدىن: «شىيۈەن ۋەسىيەتنامىنى نەدە يازغان؟ ئەينى ۋاقىتتا كىملەر بار ئىدى؟» دەپ سورىدى. 

شىيۈەننىڭ ئىنىسى دېگەن ئەھۋال بىلەن  قىزى دېگەن ئەھۋاللار ئوخشاش ئىدى، شىيۈەننىڭ ئىنىسى گەپ قىلغاچ، ۋەسىياتنامىنى رازۋېدچىكنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئۇزاتتى، رازۋىتچىك: «بولدى كۆرمىسەممۇ بولىدۇ، بۇ ۋەسىيەتنامە ساختا» دېدى. 

رازۋېدچىك نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيدۇ؟


رازۋېدكا ھېكايىلىرى (28) نىڭ جاۋابى:

ياپونىيە سۈۋەرەكلىرى دالىدا ياشىمايدۇ، كۆل بويىدا تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچى سۈۋەرەكنىڭ ئىچ كىيىمىدە ئىكەنلىكىنى سەزمەيلا بېرىپ ئۆلۈۋالمايدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز