مائارىپ ئەمەلىيىتىمىزگە نەزەر
زۆھراگۈل ئەخمەت
(گۇما ناھىيە موكويلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتىدە يۇقىرى-تۆۋەننى رازى قىلالىغۇدەك نەتىجە كۆرۈلگىنى يوق. بۇ خىل ھالەت ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغاتماي قالمايدۇ. مەنمۇ بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نەچچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1. مائارىپقا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئىزچىللىققا ئىگە ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر ئىشتا ئىزچىللىقنى ساقلاپ قالالىغاندىلا ئىلگىرىلەش بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ھاڭ شەكىللىنىدۇ. ھازىر مەيلى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىپ ئازراق قايناپ قويسا، بىرەر ھەپتە دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، بارا- بارا يەنە ئەسلىگە قايتماقتا.
2. قانۇن- تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشى يېتەرلىك ئەمەس. مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭ چەكلەش كۈچىدىن پايدىلانغىنىمىز يوق. قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپكە كەلمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگىنى يوق. «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»دا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئادا قىلىش يوق دېيەرلىك. ئاتا- ئانىلار، بالىلار ۋە بىرقىسىم ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە جەرىمانىدىن قېچىش ئۈچۈنلا مەكتەپكە كۆرۈنۈپ قويۇشتىن ئىبارەت شەكىلۋازلىق ئېغىر.
3. كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا نىسبىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. بازار ئىگىلىكىدە ئىقتىسادىي ئالاقە راۋاجلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئىقتىسادىي قىممەتكە زىيادە ئېسىلىۋېلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۇل ئاساسىي ئورۇندىكى قىممەت قارىشى شەكىللىنىپ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ھالەت پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېڭىدا: «ئوقۇغاننڭ نېمە پايدىسى؟ ئازراق ساۋاتى چىقىپ، پۇل تاپسا بولىدىغۇ؟» دەيدىغان قاراش كۈچلۈك يىلتىز تارتىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەنىڭ قانچىكى يۇقىرى بولسا، جەمئىيەتكە بولغان تۆھپىسىنىڭ شۇنچىلىك چوڭ بولىدىغانلىقىغا كۆز يۇمماقتا.
4. ئوقۇتقۇچىلاردا تۆھپە ئېڭى كەمچىل. مائارىپ سېپىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدە ھەشەمەت قوغلىشىش، ئىقتىسادقا ئۆزىنى ئاتاش ئېغىرلىشىپ، پۇل ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغاندەك ھالەت بىخ سۈرۈپ، ئۆزىنى ئاتاش، بېغىشلاش، شەرەپ قوغلىشىش تۇيغۇسى ئاجىزلىشىپ كەتتى.
5. قوزغىتىش كۆچىگە ئىگە قەرەللىك، قەرەلسىز مۇكاپات- جازالاش تۈزۈمى تۈرغۈزۈلمىغان ياكى ئەمەلىيلەشمىگەن. خىزمەتچى ئىشلىگەنگە ئىش ھەققى ئالىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئۇلاردىن ياخشىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەپ، باشقىلارنى قوزغىتىش كېرەك. بۇ دەل ئېنىق، قوزغىتىش كۆچىگە ئىگە مۇكاپات- جازالاش تۈزۈمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداق بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا پاسسىپ خىزمەت پوزىتسىيەسى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
6. تەشۋىقات، تەربىيە يېتەرلىك ئەمەس. جەمئىيەتتە مائارىپقا كۆڭۈل بولۇۋاتقان كەيپىيات باردەك كۆرۈنسىمۇ، خەلق ئېڭىدا «مائارىپ ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن قاراش شەكىللەندۇرۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش رېئاللىقتىكى ھادىسە بولماستىن، ئېغىزدىكى پاراڭغا ئايلىنىپ قالغان. يېزا مائارىپ خىزمىتى يېغىنىدا بىر رەھبەر: «بىزنىڭ 100 تۈرلۈك خىزمىتىمىز بار دېسەك، مائارىپ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى» دېگەنىدى. بۇمۇ يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ دەلىلى.
7. مائارىپ رەھبەرلىك قاتلىمىدا خىزمەت تەرتىپىنىڭ قىلىپلىشىشى ئاجىز. رەھبەرلىك ئالمىشىش سەۋەبىدىن رەھبەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتكە چۆكۈشى يېتەرلىك ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن رەھبەرلىك قايسى تەرتىپتە خىزمەت قىلىشقا سەل قارايدۇ. يەنى «قايسى خىزمىتىمىزدىكى بىرىنچى ھالقا؟ قايسى تەرتىپتە ماڭىمىز؟» دېگەن مەسىلىلەر خىزمەت باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىدىغان تەرەپلەر بولسىمۇ، كۆپىنچە ئىش ئاخىرلاشقاندا ئويلىشىلىدۇ.
8. ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى ئاكتىپ تەرەپلەرگە سەل قارىلىۋاتىدۇ. دەرسخانا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سۇپىسى(بازىسى) بولسىمۇ، بىز كۈتۈۋاتقان نەتىجىلەر بۇ يەردە يۈز بېرىشى ناتايىن. مۇجىزە كۆپىنچە سەل قارالغان تەرەپتە تاشلىنىپ ياتقان بولىدۇ. يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى قىزىپ چىقىلىدىغان پائالىيەتلىك تەرەپلەر تاشلىنىپ قالدى. قىسقىسى، مائارىپ بايلىقى ھەقىقىي ئېچىلمىدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلمىدى.
9. ئۆزلۈك ئېڭىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلمىدى. ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تەجرىبە كېڭەيتىش ياخشى ئەھۋال. لېكىن، شۇ پېتى قوللىنىش كۆچۈرمىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەلۇم بىر ئورۇن تەكشۈرۈشتە ياخشى بولسا، شۇ جايغا بېرىپ، ئىلغار تەرەپلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش بولۇشقا ئۇرۇنۇش ياخشى ئەمەس. ھەرقانداق بىر تەلىم- تەربىيە ئورنىنىڭ ئۆزگىچە باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇ ئورۇن تەجرىبە بازىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنداق مائارىپ ئورنىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
10. بىرقىسىم خىزمەتلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىۋالغان. يەنى مائارىپتا تەلىم-تەربىيە بىرىنچى خىزمەت بولسا بولاتتى، ھازىر ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئارخىپ ئىشلەش قاتارلىق بىرقاتار خىزمەتلەر ئاساسىي ۋاقىتنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھىم خىزمەتكە سەل قارالغان.
11. بىرقىسىم يېڭى ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇتۇشقا بولغان قىزغىنلىق كەمچىل. بولۇپمۇ بىرقىسىم خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئالاقە توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئالاقىسىدا ھاڭ شەكىللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قىچىش، دەرسخانىغا كىرمەسلىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.
12. دەرسلىك كىتابنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى تۆۋەن، دەرس تەييارلىقىدا ئىجادچانلىق كەمچىل. دەرسلىك ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس لايىھەسى قېلىپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىجادىيلىققا سەل قارالغان. تاپشۇرۇق نىسبەتەن ئېغىر، ئەمەلىيەتچانلىقى ئاجىز، قاراتمىلىققا ئىگە يېتەكلەشكە سەل قارالغان.
ھەممىمىزگە ئېنىقكى، مائارىپ ھېچقانداق بىر ساھەگە ئوخشىمايدۇ. بۈگۈن بۇنى، ئەتە ئۇنى قىلساق، ياكى بۈگۈن بىر ئۇسۇلدا، ئەتە باشقا بىر ئۇسۇلدا قىلساق بولمايدۇ. ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. مائارىپ ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن «مائارىپ ئەڭ مۇھىم خىزمەت، بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئىشلەش كېرەك» دېيەلەيدىغان كەسكىنلىك ۋە ئىزچىللىقنى؛ رەھبەرلەردىن نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىش تەرتىپىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىدىغان ئاقىلانىلىكىنى؛ جەمئىيەتتىن چۈشىنىش ۋە قوللاشنى؛ ئوقۇتقۇچىلاردىن بېغىشلاش، تۆھپە قوشۇش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈكسەك سەۋرچانلىق، كۈچلۈك ئۈمىدۋارلىقنى كۈتىدۇ.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانى