ئابدۇشۈكۈرنىڭ، گۈلشەننى ياخشى كۈرۈپ قوغلشىپ يۈرگىنىگە ،بەش يىلچە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ بىراق ھازىرغىچە گۈلشەننىڭ ماقۇللىقىغا ئىرىشەلمەيۋاتاتتى. گۈلشەننىڭ ،ئابدۇشۈكۈرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىشىدىمۇ ئۈزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار ئىدى. ئۇ ئابدۇشۈكۈرنى ئۈژمە كۆڭۈل، ئىشەنچىسىز دەپ قارايتى. چۈنكى ئابدۇشۈكۈرنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىلا مەكتەپتە شۇنداقراق نامى چىقىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ تۇنۇيدىغان ئارلىشىدىغان قىز تۇنۇشلىرى ناھايتى كۆپ ئىدى، شۇنىڭغا لايىق كەينىدىن چىققان گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى پالانى قىز بىلەن يۈرۈپتۇ دەپ گەپ چىقسا بىر كۈنى پۇكۇنى قىز بىلەن يۈرۈپتۇ دەپ گەپ چىقاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكتەپتىقى قىزلارنىڭ نەزىرىدە سۇيۇم ،ئۈژمە كۆڭۈل دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىدى.
ئەمىليەتتە ئابدۇشىۈكۈر ئۇلارنىڭ ئويلىغنىدەك ئۈژمە كۆڭۈل، سۇيۇق يىگىت ئەمەس ئىدى. ئاق يۈزلۈك كەلگەن ،ئازراق دولقۇنسىمان كەلگەن قاپقارا چاچ، بىر جۈپ چوڭ قارا كۆز، يۇمران كەلگەن بۇرۇتلىرى ئۈزىگە ناھايتى ياراشقان ، ئىگىز بويلۇق ناھايتى كىلشكەن يىگىت ئىدى. ۋاسكىتبولغا ناھايتى ئۇستا بۇلىشىغا قارىماي، گىتتارنىمۇ بىر كىشلىك چېلىپ قۇياتتى. مىجەزىمۇ ناھايتى ئۇچۇق يۇرۇق ،شوق ئىىدى. چىراي دىسە چىراي، مىجەز دىسە مىجەز بۇلشىغا قارىماي مۇزىكا ۋە تەنتەربىتە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۇللۇق ئوتتۇردىكى چاغدىلا كۆپلىگەن قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى غايىبانە ئاشىقى ئىدى. مىجەزى ئۇچۇق ھەم شوق بولغاچقا دوسلىرىمۇ ناھايتى كۆپ ئىدى. مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ كۆپىنىچىسى ئۇنىڭغا تۇنۇش ئىدى ، ئۇنىڭغا تۇنۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ تۇنۇش ئىدى. بىرەر كۈن بىرەر قىز بالا بىلەن سەل چاقچاقىلىشىپ پاراڭلىشىپ يېقىن ئۈتۈپ قالدىىمۇ بولدى شۇ زامانلا گەپ چىقاتتى، بىراق ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق گەپلارگە پەرۋاسىز ئىدى.
قاچانلا قارىسا خۇشخۇيلۇقىدىن، شوخلۇقىدىن قالمايتى. مەكتەپتىكى خېلى چىرايلىق ،ئۈزىنى مەن دەپ ئاتاپ يۈرگەن قىزلار ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرەتتى. قىزلار ياتىقىدا مەخسۇس ئابدۇشۈكۈر توۈۇرسىدا قىزىق يېما بولغان ۋاقىتلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
ئابدۇشۈكۈرنىڭ، مەكتەپتىكى شۇنچە چىرايلىق قىزلارغا كۆڭلى چۈشمەي چىرايىمۇ ،سىرتىقى قىياپىتىمۇ ئاددىيلا بولغان گۈلشەنگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانىدى، گۈلشەننى ياخشى كۆرگەندىمۇ بەكلا ياخشى كۈرۈپ قالغانىدى. گۈلشەن بىلەن ئىككىسى پاراللېل سىنىپتا ئوقۇيتى. ئۇلار ئەسلى خېلى يېقىن دوسلاردىن بۇلۇپ، گۈلشەن ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈزىگە كۆڭلى بارلىقىن قاچان بىلدى، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئۈزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئابدۇشۈكۈر ھەر جەھەتتىن بۇلدىغان ياخىشى بالا ئىدى، ھەم دوسلۇققىمۇ يارايتى، بىراق ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى دوسلۇق مۇناسىۋىتىدىن سىرىت باشقا مۇناسىۋەت بۇلۇشىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈزىگە كۆڭلى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئويلىغانمۇ بولدى بىراق ھەر قانچە ئويلاپمۇ ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى . ئۇنىڭ ئىشىنىپ مۇھاببەتلىشىشكە بۇلدىغان يىگىت دەپ ئويلىمايتى. ئەيتاۋۇر ئابدۇشۈكۈرنىڭ كەينىدىن چىققان گەپ سۆزلەر تۈپەيلىدىنمۇ ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈزىنى ياخشى كۈردىغىنغا زادىلا ئىشەنمىدى. بەزىدە يۈرۈپ كەتكەن قىزلارنىڭ كۆپلىكىدە ئەمدى مىنىمۇ بىر ئالداپ باقاي دەپتۇدە بۇ دەپ ئاچچىقىمۇ كەپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈزىدەك ئادەتتىكى بىر قىزنى ياخشى كۈردىغىنىغا ئىشىنەلمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدىم دىگەندىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەنمۇ بۇرۇن ئۇ يۈرگەن قىزلاردەك تاشلىنىمەن شۇڭا ھازىرقىدەك يۈرگىىنىم ياخشىكەن دىگەن نىيەتكە كەلدى.
ئابدۇشۈكۈرنىڭ ،ئاغزىدىن چىققان گەپ سۆزلەر دەرۋەقە ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ گەپ سۆزلەرنىڭ قايسسىسى راس ،قايسىسى يالغان بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈزىگىلا ئايان ئىدى. ئەمىليەتتە ئۇ ھازىرغىچە بىرەر قىزنى ياخشى كۈرۈپ باققان ياكى يۈرۈپ باققان ئەمەس ئىدى. مىىجەزى شوق، ئۇچۇق، ئارلىشىدىغان قىز تۇنۇشلىرى كۆپ بولغان بىلەن تېخى ئۇنىڭ كۆڭلىگە چاڭ قونىمىغان ، ھىسيات ئىشىدا ئۇنى تېخى ساددا بالا دىيىشكە بۇلاتتى. ئۇنىڭ كىلىشكەن چىرايى ،قابىليىتى، شوق مىجەزى مۇشۇ گەپلەرنىڭ چىقىشغا سەۋەپچى ئىدى. مانا ئەمدى بولسا مۇغۇ گەپلار تۈپەيلىدىى ئۇ تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزىنىڭ مۇھاببىتىگە ئەمەس، ئىشەنچىسىگىمۇ ئىرىشەلمىدى. بىراق ئابدۇشۈكۈر گۈلشەننى چىن كۆڭلىدىن ياخىشى كۈرۈپ كالغان ئىدى. گۈلشەن بولسا ئابدۇشۈكۈردىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ يۈردى ، بۇ كىچىككىنە مەكتەپتە ئۇ گۈلشەننى ھەپتىدىمۇ بىرەر قېتىم كۈرەلمەت تىت-تىت بولدى، ئازاپلاندى. سىنىپى ئالدىغا ئىزدەپ بارايمۇ دىدى بىراق ئۈزىگە ھاي بەردى. چۈنكى بۇ تۇلۇق ئوتتۇرا بولغاچقا مۇھاببەتلىشىشكە يول قۇيۇلمايتى، ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار سىزىپ قالغۇدەك بولسا بىر مۇنچە تىل ئاڭلىغاندىن سىرىت ئاتا- ئانىسىنى چاقىرىپ ئەكەلدۈرەتتى. ئۇ ئۈزىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايتى، چۈنكى ئۇ بۇنداق ئىشلارغا كۈنۈك ئىدى، بىراق گۈلشەندىن ئەنسىرەپ قالغانىدى. دەل مۇشۇنداق گۈلشەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار تۇيۇقسىز يالغۇز ئۇچۇرشىپ قالدى.
ئۇ كۈنى ئارام ئېلىش كۈنى يەنى يەكشەنبە بۇلۇپ گۈلشەن ئارقا مەيداندىكى چىملىقتا ئولتۇرۇپ «زامانداشلار» دىگەن روماننى ئوقۇپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز ئالدىغا دۇمىلاپ كەلگەن توپنى كۈرۈپ ئىىتتىك بېشىنى كۆتۈردىدە ئالدىدا ئۈزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئابدۇشۈكۈرنى كۆردى. ئابدۇشۈكۈر توپ ئوينىغاندا كىيدىغان ئاق رەڭلىك مايكا،كۇسار كىيگەن ،پۇتىغا ئاق رەڭلىك تەنتەربىيە ئايىقى كىيۋالغان بۇلۇپ ئەزەلدىن ئاق كەلگەن چىرايى بىلەن قۇشۇلۇپ باشقىچىلا روھلۇق ،جۇشقۇن كۈرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى گۈلشەنگە تۇلىمۇ يېقىمىلىق ،كىلىشكەن كۈرۈنۈپ كەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئابدۇشۈكۈرگە قاراپ قالغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ ئۆزىچە ئەندىكىپ تىزلا قۇلىدىكى كىتاپقا قارىۋالدى.
_ بۇ يەردە ئۈزەڭ يالغۇز ئولتۇرۇپسەنغۇ؟ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسەن؟ دەپ سورىدى ئابدۇشۈكۈر. ئۇ بۇرۇندىن گۈلشەننى سەنلەيتى.
_ شۇنداق. گۈلشەن تومتاقلا جاۋاپ بەردى.
_ نىمە كىتاپ ئۇ، ئادەم يېنىڭغا كەلسىمۇ سەزمەي بېرىلىپ كىتىپسەن دىىدى ئابدۇشۈكۈر نىمە كىتاپ ئكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك گۈلشەننىڭ قۇلىدىكى كىتاپقا بېشىنى سۇزۇپ قارىغاچ.
_ «زامانداشلار» دىگەن كىتاپ. ئۈزىڭىزچۇ؟ ئارام ئېلىش كۈنلىرى مەكتەپتىن سايىڭىزنى تاپقىلى بولمايدىغان ئادەم بۈگۈن ھەجەپ يالغۇز قاپسىزغۇ ؟ يېڭىلىققۇ بۇ.
_ ئارام ئېلىش بولغاچقا سەل ۋاقچە ئۇخلاپتىكەنمەن، ئويغىنىپ قارىسام ياتاقتا مەندىن باشقا ھىچكىم قالماپتۇ، شۇڭا ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغۇچە بىردەم توپ ئويناي دەپ بۇ يەرگە چىقىشىم، توپ ئويناپ باقمىغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قاپتىكەن. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا بىر ئاي قالغاندا ھېكايە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغىنڭغا قارىغاندا تەكرارلار بىرەر قۇر تۈگەپ بولغان ئوخشىمامدۇ دىدى ئابدۇشۈكۈر كۈلۈپ تۇرۇپ. دىمىشقىدۇر ئۇنىڭ بۇ گېپى گۈلشەنگە ئۈزىنى باشقۇرۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى ۋە ئابدۇشۈكۈرگە قاتتىق تەگدى:
_ رومان ئوقامدىم ،تەكرار قىلامدىم ئۈزەمنىڭ ئىشى، سىزمۇ تەكرارنى تۈگۈتۈپ توپ ئوينىغىلى چىققانما؟ مىىنىڭ نىمە قىلىشىمغا كۆڭۈل بۆلمەي كەينىڭىزدىن ئەگىشىپ يۈرگەن قىزلارغا كۆڭۈل بۈلىگە بولدى. بۇ گەپ ئابدۇشۈڭۈرنىڭ كۆڭلىگە كەلدى:
_ نىمانداق قاتتىق تىگىسەن؟مەن ئالدىڭىدا نىمنى خاتا قىلدىم، ھىچ ئشتىن- ھىچ ئىش يوق مەندىن ئۈزەڭنى قاچۇرۇپ يۈردۈڭ، سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭ كەچۈر دېدى. ئۇ ئۇۋالچىقىتا قالغان قىياپەتتە.
_ بىر نىمنى خاتا قىلدىڭىز دىگىنىم يوق، بىراق بۇندىن كىيىن مىنى ياخشى كۆرمەڭ، بولسا سىزمۇ مەندىن ئۈزىڭزنى قاچۇرۇپ يۈرۈڭ .ھېلىمۇ سىزنىڭ سەۋەبىڭزدىن بىر بىر قانچە قىز بالا ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ يۈرىدۇ، مەن ئۇلارغا نىمە قىلغانغا شۇنداق قىلدىكىنە ؟ خۇددى مەن سىزنى تارتىۋالغاندەك، ئۇلارغا دەپ قۇيۇڭ خاتىرسىنى جەم قىلسۇن، مىنىڭ سزگە قىزىقىشىم يوق. ھەم يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسنى تۆلەپ يۈرگۈممۇ يوق دېدى گۈلشەن.
گۈلشەننىڭ مىنىڭ سىزگە قىزىقىشىم يوق دىگەن گەپ ئابدۇشۈكۈرگە بەكلا تەسىر قىلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۈزىنى بېسۋىلىپ سەۋىرچانلىق بىلەن گۈلشەنگە جاۋاپ قايتۇردى:
_مىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ كۆرمىگىن ، سەندىن باشقىنى تەلەپ قىلمايمەن، بىراق مەندىن ئۇزەڭنى قاچۇرۇپ يۈرمىگىن بۇلامدۇ، بۇنداق قىلساڭ مەن بەك بىئارام بۇلدىكەنمەن . ئابدۇشۈكۈرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ گۈلشەن ئۈزىنىڭ ئاشۇرۋەتكەنلىكنى ھىس قىلدى . شۇنداقتىمۇ بولدىلا بەربىر ئۇنىىڭ بىلەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولغاندىن كيىن نىمە كارىم دەپ ئويلىدى ۋە:
_مەندىن باشقىنى تەلەپ قىلسىڭىزمۇ مەندىن ھىچنىمە چىقمايدۇ ، مىنىڭ سىزدەك ئۈزمە كۆڭۈل ،قىزلارنىڭ ھىسياتنى ئۇيۇنچۇق قاتارىدا كۈردىغان سۇيۇق بالا بىلەن يۈرۈش خىياللىمۇ يوق، شۇنداقلا سىزنىڭ ياخشى كۈرىمەن دىگەن گېپىڭىزگىمۇ ئىشىنىپ باققان ئامەسمەن . بولدى پاراڭلاشمايلى ، سىز توپىڭىزنى ئويناۋىرىڭ مەنمۇ ياتاققا قايتىپ كىتەي، خوش ئەمىسە دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى. ئابدۇشۈكۈر بىر نىملەرنى دىمەكچى بۇلۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى. ئۇ گۈلشەن تاكى ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتكۈچە ئازاپ بىلەن كەينىدىن قاراپ قالدى.
گۈلشەن ياتاققا قايتىپ كىلىپلا ئۈزىنىڭ كارۋىتىغا ئېتىپ يىغىلىۋەتتى. بىراق ئۇ ئۈزىنىڭ نىمىگە يىغلىغنىنى ئۈزىمۇ بىىلمەيتى. بايا ئابدۇشۈكۈرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنى ئۈچۈنمۇ ياكى ياكى باشقا سەۋەپ ئۈچۈنمۇ....... بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن ئۈزىگە كېلىپ بايىقى بولغان ئىشلارنى دىيىشكەن گەپلەرنى قايتا ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى ، ئابدۇشۈكۈرگە قاتتىق تەككەنلىكىنى ھىس قىىلىدى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈزىنى ياخشى كۈردىغانلىقىغا ئىشىنمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق قاتىىق تىگىش ئارتۇقچە ئىدى. بۇلۇپمۇ كىيىنكى بىر قانچە ئېغىز گەپنى ئاشۇرۋىتىپتىمەن دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە شۇ ۋاقىتتا شۇ گەپلەرنى قىلۋاتقاندا ئابدۇشۈكۈرنىڭ چىراي ئىپادىسىدە بولغان ئۆزگىرىشنى ئويلىدى. بايا گۈلشەن شۇ گەپنى قىلۋاتقاندا ئابدۇشۈكۈرنىڭ چىرايى ناھايتى ئازاپلىق تۈس ئالغان بۇلۇپ باشقىچە تاتىرىپ كەتكەنىدى. يەنە ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بولدىدە ئۇنىڭ دەپ ئويلىدى ئۇ . چۈنكى ئۇ ئابدۇشۈكۈرنىڭ نېرۋا خارەكتىرلىك ئاشقازان كېسىلى بارلىقىنى بىلەتتى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا ياكى كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالغان چاغلاردا ئاشقازىنى ئاغىرىپ كىتەتتى . گۈلشەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئەمدىلىكتە بىردىنلا ئابدۇشۈكۈردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.ئەمىليەتتە ئۇ ئابدۇشۈكۈرنى ياخشى كۈرەتتى . بىراق كۆڭلىنى ئاشقارلاشقا ھەم ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا پېتىنالمايتى. ئۇنىڭ بىلەن ئابدۇشۈكۈر پەقەتلا ماس كەلمەيدىغاندەك، ئابدۇشۇكۈر بىلەن ئارلىقى بەك يىراقتەك بىلىنەتتى. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاشلىنىپ قېلىشىتىن،داغدا قېلىشتىن ئەنسىرەيتى. شۇڭا ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلىنىمۇ قەلبىگە كۈمىۋىتىش قارارىغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىڭ يۈرگەن بىر- بىرىدىن چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە بولسا چىقارىنى تېخمۇ توغىرىدەك ھىس قىلاتتى
دەرۋەقە شۇنداق بولدى. قىز قەلبى نازۇك بۇلىدۇ. بىراق بۇنداق چاغدا ئۈزى ياخىشى كۆرگەن قىز تەرىپىدىن بۇنداق ئاچچىق گەپلەرنى ئاڭلىغان ، قەلبى ئازار يىگەن ھەر قانداق يىگىتنىڭ قەلبى تېخمۇ نازۇك بۇلۇپ كىتىدۇ ئابدۇشۈكۈر گۈلشەن كىرىپ كەتكەندىن كىيىن توپمۇ ئوينىماي ياتاققا قايتىپ كەلدى . ياتاققا كىلىپمۇ بايا گۈلشەننىڭ دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىدى، ئاشقازىنىمۇ ئاغرىشقا باشلىدى. ئويلىغانسىرى شۇنچە ئازاپلىنىپ ئاشقازىنىنڭ ئاغىرىقىمۇ شۇنچە كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ ئازراق ئىىىىسىق چاي ئىچىپ بېقىش ئۈچۈن چايداننى كۆتۈرۈپ بېقۋىدى چاي يوق چىقتى. ئۇ ئامالسىز ئورنىغا كىلىپ ياتتى . تۇنجى بۇلۇپ ياتاققا قايتىپ كەلگىنى ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى ئېرپان بولدى . ئۇ ياتاققا قايتىپ كىلىپ ئەتىگەندە ئۈزى ياتاقتىن چىقار چاغدا ئۇخلاپ قالغان ئابدۇشۈكۈرنىڭ تېخىچە ياتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى نۇقۇدى:
_ ھەي ھۇرۇن، ھازىرغىچە ئۇخلىغان بارمۇ؟ تۇرە ئەمدى ، تاماقمۇ يىمگەنسەن ھەقىچان، چۈشمۇ بوپ قالدى . يۈرە بىللا تاماق يىگىلى چىقىمىز. ئۇ ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئۈندىمەي جىمجىت ياتقىننى كۈرۈپ ئۇنىڭ مۆرىسىدىن تارتىپ ئۈزىگە قاراتتىيۇ، ئابدۇشۈكۈرنىڭ كىسەل ئادەمدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ چۈچۈپ كەتتى. ئۇ ئابدۇشۈكۈرنىڭ قورسىقىنى قاماللاپ يېتۋالغىنىغا قاراپ ئۇنىڭ يەنە ئاشقازىنى ئاغىرغانلىقىنى چۈشەندى:
_ يەنە ئاشقازىنىڭ ئاغرىپتۇدە، تۇرە دوختۇرغانىغا بارايلى دەپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. دوختۇرغانىغا كېلىپ بولغۇچە ئابدۇشۈكۈر بۇلالمايلا قالغانىدى. ئېرپان ئابدۇشۈكۈرنى كۆتۈرۈپ دىگۈدەك دوختۇرغانىغا ئېلىپ كىردى. ئابدۇشۈكۈر دوختۇرخانىغا ئارانلا ئۈلگۈرۈپ كەلگەندەك ئېرپان ئۇنى دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشگىلا يەرگە يىقىلدى. تەكشۈرۈ نەتىجىسى ناھايتى تىزلا چىقىتى . جىدىدى خارەكتىرلىك ئاشقازان ئىچى قاناش ئىدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ئاشقازىنى تازىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇردى ۋە بىر ھەپتە ياتاقتا ياتمىسا بولمايدىغانلىقىنى دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىشتى. ئېرپان ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇپ ، بۇ ئاغىنىسىنىڭ نىمە دەردى بارلىقىنى بىلەتتى شۇڭا ئۇ ئابدۇشۈكۈردىن گەپ سوراپمۇ يۈرمىدى ۋە ئابدۇشۈكۈرگە يىگۈدەك بىر نەرسە ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدى.
ئاخىرى بار .
مەنبە: فىرەس قەلىمى