تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بالىلار يۇۋاش كېلىدىكەن

كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىششىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

   1. ۋىتامىن A: ۋىتامىن A كەمچىل بولسا كۆزنىڭ قاراڭغۇ مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىرراق بولغاندا نامازشام قارىغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؛ ۋىتامىن A يەنە كۆز قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. ۋىتامىن A تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، بېلىق مېيى، سۈت تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن سەۋزە، قىزىل بۇغداش، پالەك، كۈدە، كۆكمۇچ، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىقلار، مېۋىلەردىن ئاپىلىسىن، ئۆرۈك، پەمىدۇر قاتارلىقلار بار.

   2. ۋىتامىن B1: ۋىتامىن B1 نېرۋا كۆرۈش سېزىمىنى ياخشىلايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ كېلىش مەنبەسى، يېتەرلىك بولمىغاندا كۆز چارچاش، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن B1 بولغان يېمەكلىكلەردىن كۈنجۈت، دادۇر، خام سۈت، ئارپا ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار بار.

   ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا بەك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. ئارتۇق مىقداردىكى تاتلىق يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋىتامىن B1 مىقدارىنى خورىتىۋېتىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئارتۇق مىقداردىكى قەنت بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خروم زاپىسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قارا ئاشلىق تەركىبىدە خرۇم ئېلىمېنتى بار بولۇپ، بالىلار دائىم قارا ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكنى يېگەندە بەدەندە خرۇم ماددىسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   3. ۋىتامىن C: ۋىتامىن C كۆز قارىچۇقىنىڭ كۆز گۆھىرىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبىي قىسىم. ئەگەر كەمچىل بولغاندا كۆز قارىچۇقى دۇغلىشىپ، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى كۆكتات ۋە يېڭى مېۋە تەركىبىدە مول ۋىتامىنC بار.

   4. ۋىتامىن E: ۋىتامىن E ئەلا سۈپەتلىك كۆز قارىچۇقى كۆز گۆھىرىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبىي قىسىم. بانان ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردە زور مىقداردا ۋىتامىن E بار.

پىراكتىكانت ئادىلە ھەسەن تەرجىمىسى


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز